باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12–قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ 5–يىغىنىنى 26–نويابىر ئېچىش قارار قىلىندى

2013.11.15 14:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېھرىگۈل تۇردى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14 – نويابىر چۈشتىن كېيىن 12 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىنى 26 – نويابىردىن 28 – نويابىرغىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇدىرلار يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن تۈزۈش خىزمىتى يىغىنى ۋە كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى.

  مۇدىرلار يىغىنىدا دائىمىي كومىتېتنىڭ 5 – يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپ لايىھەسى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلىدۇ ۋە ئۆگىنىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 – يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىشقا يوللىغان ئاپتونوم رايوننىڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى سايلام چارىسىنىڭ تۈزىتىلگەن لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي تەستىقنى ئاددىيلاشتۇرۇش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق زاسېداتىللىرى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىيانەتچىلىك – پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى››نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ‹‹شەرقىي جۇڭغار، سەنتاڭخۇ، بەيياڭخې كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش جەريانىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى››، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ ۋەكىللەر تەكلىپ لايىھەسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلىرىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش – ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ.

  مۇدىرلار يىغىنىدا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ‹‹خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق زاسېداتىللىرىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى››، ‹‹تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك – پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى››، ‹‹ئالىي، ئوتتۇرا باسقۇچتىكى مائارىپ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى دوكلاتى›› ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى ئەزالار ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنى ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى››نى قاراپ چىققاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنى تەتقىق قىلىش – بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى›› ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، بۇ تۆت دوكلاتنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا تارقىتىش ياكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر