باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىسمەن شەھەرلەردە «ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار» تۇرالغۇ ئۆي فوندى پۇلى ئارقىلىق داۋالىنىش سىناق قىلىندى

تۇرالغۇ ئۆي فوندى پۇلى ئارقىلىق داۋالىنىش ئىشەنچىلىكمۇ؟ (سىياسەت قىزىق نۇقتىسى)

2013.11.15 21:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆي سېتىۋالىدىغان پۇلغا كېسەل كۆرسىتىشكە بولامدۇ؟

  بەزى شەھەرلەر سىياسەت چىقىرىپ، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياكى ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي فوندى پۇلى ئارقىلىق داۋالىنىشىغا رۇخسەت قىلغان. پۇلنى راستىنلا ئالغىلى بولامدۇ؟ قانداق ئالىدۇ؟ قانچىلىك پۇل ئالغىلى بولىدۇ؟ يېقىندا، مۇخبىر بۇ ھەقتە كۆپ جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

  مۇشۇ ھەقتە قانۇن بارمۇ-يوق؟

  تېخى يېقىندىلا، چىڭخەي ئۆلكىسى «تۇرالغۇ ئۆي فوندىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ پىكىرگە ئاساسلانغاندا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئالاھىدە كېسەل، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل قاتارلىق ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئائىلە تۇرمۇشىدا ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلسە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى چىقىرىپ بەرگەن داۋالىنىش ئىسپاتىغا ئاساسەن، مەزكۇر ئادەمنىڭ تۇرالغۇ ئۆي فوندى ھېساباتىدىكى زاپاس پۇلنى ئالسا بولىدۇ.

  بۇ ئامالنى پەقەت چىڭخەي ئۆلكىسىلا ئويلاپ چىققان ئەمەس. نەچچە يىل بۇرۇن، سىچۇەن ئۆلكىسى يىبىن شەھىرى، خۇنەن ئۆلكىسى شياڭتەن شەھىرىدىمۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، تۇرالغۇ ئۆي فوندىنى ئېلىش كەسىپنى يولغا قويغان.

  شياڭتەن شەھىرى تۇرالغۇ ئۆي فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، تۇرالغۇ ئۆي فوندىنى ئېلىش كەسپىنى يولغا قويۇشنىڭ ئۈچ تۈرلۈك سىياسەت ئاساسى بار ئىكەن.

  بىرىنچى، 2005-يىل 10-يانۋار ئېلان قىلىنغان «قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي فوندىنى باشقۇرۇشقا دائىر بىرقانچە كونكرېت مەسىلە توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ 10-ماددىسىدا «ئۇشتۇمتۇت ھادىسىگە يولۇقۇپ، ئائىلە تۇرمۇشىدا ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلسە، ئىناۋەتلىك ئىسپات ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، مەركەزنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مەزكۇر ئادەم تۇرالغۇ ئۆي فوندى ھېساباتىدىكى زاپاس پۇلنى ئالسا بولىدۇ.» دېيىلگەن. ئىككىنچى، 2009-يىل ئوتتۇرىغا قويۇلغان «خۇنەن ئۆلكىلىك تۇرالغۇ ئۆي فوندىنى ئېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ 5-ماددىسىدا «ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇش قاتارلىق ئۇشتۇمتۇت ھادىسە تۈپەيلىدىن ئائىلە تۇرمۇشىدا ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلسە، مەزكۇر ئادەم تۇرالغۇ ئۆي فوندى ھېساباتىدىكى زاپاس پۇلنى ئىلتىماس قىلىپ ئالسا بولىدۇ.» دېيىلگەن. ئۈچىنچى، 2009-يىل 7-ئايدا يولغا قويۇلغان «شياڭتەن شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي فوندىنى ئېلىشنى باشقۇرۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى»نىڭ 3-ماددىسىدا «مەركەز بېكىتكەن ئېغىر كېسەلنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى تۇرالغۇ ئۆي فوندى ھېساباتىدىكى زاپاس پۇلدىن ئېلىشقا بولىدۇ.» دېيىلگەن.

  (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر