ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئافغانىستان توقۇنۇشى ۋە ئۇرۇشى داۋاملاشقان 30 يىلدا، ئەنگىلىيە خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتى ـــ ‹‹ئافغانىستانغا ياردەم›› (Afghanaid) ئافغانىستان پۇقرالىرىغا ياردەم بېرىشكە ئىزچىل كۈچەپ كەلگەن . بولۇپمۇ ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىنكى 12 يىلدا ، بۇ تەشكىلات ئافغانىستان پۇقرالىرىنى زور كۈچ بىلەن يۆلەپ ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى خېلىلا ياخشىلىغان . بۇ تەشكىلاتنىڭ شۇ مەزگىلدىكى خىزمەت نەتىجىلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ، ئەنگىلىيە لوندوندىكى پېرسى كوچىسىغا جايلاشقان ‹‹Different›› مۇزېيى ‹‹30 يىل ، 30 ھېكايە ›› تېمىسىدىكى 27 پارچە فوتو سۈرەت ئەسىرىنى كۆرگەزمە قىلغان .