باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاننىڭ ئەپيۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %49 ئېشىپ، كۆلىمى تارىختىكى يۇقىرى پەللىگە يەتتى

2013.11.14 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت زەھەر ۋە جىنايەت مەسىلىلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئافغانىستان زەھەر چەكلەش بۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە تارقاتقان باياناتىدا، بۇ يىل ئافغانىستاننىڭ ئەپيۇن ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەپيۇنگۈل تېرىلغۇ كۆلىمى بولتۇرقىدىن %49 ئېشىپ تارىختىكى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.

  مۇتەخەسسىسلەر بۇلتۇر ئەپيۇن باھاسىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بۇ يىلقى ئەپيۇن تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارىغان. ئۇنىڭدىن باشقا غەرپ ئىتتىپاقى ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەن ۋە 2014-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلاممۇ ئەپيۇن ئىشلەپچىقىرىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر يەنە بۇنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ سىياسەت تۇراقسىز بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ھايانكەشلىك بىلەن شۇغۇللانغانلىقى دەپ كۆرسەتكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر