باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئومومىي يىغىن ئاخباراتىدىكى 6 چوڭ نۇقتا

2013.11.13 20:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1. ئىسلاھاتنى ئوموميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي نىشانى بەلگىلەندى

  ئاخباراتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىسلاھاتنى ئوموميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي نىشانى-- جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش.

  2. ئىسلاھاتنى لايىھەلەش، ئالغا سۈرۈشتە قوماندانلىق ئىشتابى بار بولدى

  ئاخباراتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي كومىتېتتا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، ئۇ ئىسلاھاتنى بىر پۈتۈن لايىھەلەش، بىرتۇتاش پىلانلاش-ماسلاشتۇرۇش، بىر پۈتۈن ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  3. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادكارلىقىنى قوزغاش

  ئاخباراتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئارىلاشما مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى پائال راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك.

  4. سوت قىلىش، تەپتىش قىلىش ھوقۇقىنى مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈش

  ئاخباراتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوت قىلىش ۋە تەپتىش قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئەدلىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىنسانىي ھوقۇققا ئەدلىيەلىك كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  5. بازارنىڭ بايلىق سەپلەشتىكى رولىنى ھەل قىلغۇچ رولغا كۆتۈرۈش

  

  ئاخباراتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى-- ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتا، ئۇنىڭدىكى يادرولۇق مەسىلە شۇكى بازار بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنى بايلىق سەپلەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان قىلىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  6. دېھقانلارنى يەر قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىش

  ئاخباراتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە سانائەت ئارقىلىق تۈرتكە بولىدىغان، يېزىنى شەھەر ئارقىلىق يېتەكلەيدىغان، يېزا ئىگىلىكى بىلەن سانائەت بىر-بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، شەھەر-يېزا بىر گەۋدىلەشكەن يېڭىچە مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەڭ دېھقانلارنى زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە باراۋەر قاتناشتۇرۇش، زامانىۋىلىشىش مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ مال-مۈلۈك ھوقۇقى بېرىش، شەھەر-يېزا ئامىللىرىنى باراۋەر ئالماشتۇرۇش ۋە جامائەت بايلىقىنى باراۋەر سەپلەشنى ئالغا سىلجىتىش، شەھەر-بازارلىشىشنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا دائىر تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر