باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پولشا مۇستەقىللىق كۈنىدە مىللەتچىلەر روسىيەنىڭ پولشادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى

2013.11.14 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-نويابىر پولشانىڭ مۇستەقىللىق كۈنى بولۇپ، شۇ كۈنى كەچتە تۈمەنلىگەن مىللەتچىلەر پايتەخت ۋارشاۋا شەھەر مەركىزىدە «مۇستەقىللىق» نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. روسىيەنىڭ پولشادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدىن ئۆتكەندە، بىر قىسىم رادىكاللار ئەلچىخانىغا بوتۇلكا، پوجاڭزا ۋە تاش ئاتتى، بەزىلەر ئامانلىق قوغداش سۇپىسىغا ئوت قويۇۋېتىپ، رېشاتكىدىن ئارتىلىپ ئەلچىخانىغا كىرمەكچى بولدى. يەنە بەزىلەر رېشاتكىغا «كومپارتىيەنى يوقىتايلى»، «قىزىل ئارمىيە ـــ باسقۇنچى جىنايەتچىلەر» دېگەندەك روسىيەگە قارشى لوزۇنكىلارنى ئېسىپ قويدى. روسىيە ھۆكۈمىتى ۋارشاۋادىكى ۋەقەگە ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، پولشا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشىنى ھەم ئىش تېرىغانلارنى قاتتىق جازالىشىنى تەلەپ قىلدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر