باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ‹‹28–ئۆكتەبىر ۋەقەسى›› دىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى سۆككەنلەرگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

2013.11.15 14:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – نويابىر تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي بۈگۈن بېيجىڭدا مۇنداق دېدى: بەزىلەر بىر ئوچۇم ئەسەبىي تېررورچىلارنىڭ بىگۇناھ پۇقرالار بىلەن ساياھەتچىلەرگە قىلغان زوراۋانلىقىنى مىللەت ۋە دىن مەسىلىسىگە چېتىۋالدى، ھەتتا شۇنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى سۆكتى. بۇ، تېررورچىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەنلىك، جۇڭگو بۇنداق قىلمىشقا قاتتىق نارازى.

  بۈگۈنكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىر مۇنداق دەپ سوئال سورىدى: بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 28 – ئۆكتەبىردىكى ئاپتوموبىل بىلەن تيەنئەنمېن ‹‹جىنشۈي›› كۆۋرۈكىدىكى بىگۇناھ كىشىلەر بىلەن ساياھەتچىلەرنى باستۇرۇش ۋەقەسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، بىراق CNN قاتارلىق بىر قىسىم تاراتقۇلار جۇڭگونىڭ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى تەنقىدلىدى، ھەتتا ۋەقەگە چېتىشلىق تېررورچىلارغا ھېسداشلىق قىلدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ساقچى دائىرىلىرى 28 – ئۆكتەبىر بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن تيەنئەنمېن ‹‹جىنشۈي›› كۆۋرۈكىدىكى بىگۇناھلار بىلەن ساياھەتچىلەرنى باستۇرۇش ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرىنى دەسلەپكى قەدەمدە بۇ بىر قېتىملىق ئەتراپلىق پىلانلانغان، تەشكىللىك زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، دەپ بېكىتتى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ. جۇڭگو بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىدۇ، ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەرقانداق باھانە – سەۋەب بىلەن تېررورلۇق قىلىشىغا ۋە ئۇنى قوللىشىغا قارشى تۇرىدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىشقا قارشى تۇرىدۇ.

  خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: بەزىلەر بىر ئوچۇم ئەسەبىي تېررورچىلارنىڭ بىگۇناھ پۇقرالار بىلەن ساياھەتچىلەرگە قىلغان زوراۋانلىق تېررورلۇقىنى مىللەت ۋە دىن مۇناسىۋىتىگە چېتىۋالدى، ھەتتا بۇنى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىنى سۆكتى، بۇ تېررورچىلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەنلىك، بۇنداق قىلىشقا بىز قاتتىق نارازى. بۇ خىلدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە ۋە مەدەنىيلىككە قارشى چىققان جىنايەتتۇر، ھەرقانداق ۋىجدانلىق كىشى بۇنداق قىلمىشلارنى ئەيىبلىشى كېرەك. ئالاقىدار تاراتقۇلار بۇ مەسىلىدە ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ۋەقەنى ئەكسىچە ئەمەس, بەلكى ئوبيېكتىپ، ئادىل پوزىتسىيەدە خەۋەر قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر