باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدىكى «ئىككى خىل ئوقۇغۇچى»ئاپتونوم رايونلۇق نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىنى قولغا كەلتۈردى

2013.11.15 17:37   مەنبە: خەلق تورى

ئاۋات ناھىيەسىدىكى «ئىككى خىل ئوقۇغۇچى»ئاپتونوم رايونلۇق نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىنى قولغا كەلتۈردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارى مۇخبىرىمىز گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 14- كۈنى ئاۋات ناھىيلىك « ئىككى خىل ئوقۇغۇچى» ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 10- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تەشكىللىشىدە ئاپتونوم رايونلۇق تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى قاتناشقان « جۇڭگو ئارزۇيۇم» ئاساسىي تېمىسدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە ئاۋات ناھىيىسىدىن ئۈچ نەپەر «ئىككى خىل ئوقۇغۇچى»لار قاتنىشىپ، بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىنى قولغا كەلتۈردى.

  بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئاساسلىقى 18- قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، كەڭ ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى»غا بولغان چوڭقۇر شەرھىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە، بىلىشكە يېتەكلەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت «جۇڭگو ئارزۇسى»نىڭ پارلاق مەنزىرىسىنى تەسەۋۋۇرىدا قاناتلاندۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى گۈللەندۈرۈشتەك ئۇلۇغۋار مۇساپىسى جەريانىدا ياراتقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى مەدھىيىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيەنى سۆيۈش، مەكتەپنى سۆيۈش، يۇرتىنى سۆيۈش ھېسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ،«جۇڭگو ئارزۇسى»نى تېزرەك ئىشقا ئاشۇرۇشتەك گۈزەل ئارزۇسى ئىپادىلەندى.

  ئاۋات ناھىيەسىدىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن «ئىككى خىل ئوقۇغۇچى»لار ۋەكىلى مېھراي بەكرى راۋان بولغان خەنزۇ تىلى، تۇلۇپ- تاشقان قىزغىن ھېسسىياتى، ئۆزىنىڭ تەسىرلىك ئىش- ئىزلىرى ئارقىلىق باھالىغۇچىلار ۋە تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈرۈپ بىرىنجىلىككە ئېرىشتى. مەدىنەم ئابدۇرېھىم، خانئايىم مەمەت ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچىلككە ئېرىشتى. (ئاۋات ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىختىيارى مۇخبىر گۈلنار تاشتۆمۈر)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ھەبىبە ئىسمايىل

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىد…
      ·يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى كەلگۈسىدە شەھەر بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ 
      ·ئەنئەنىۋىي بالىلار ئويۇنى 
      ·مائارىپ ئىسلاھاتى تېخىمۇ ئادىل نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە
      ·21 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسى…
      ·ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ قىزىنىڭ يېرىم يالىڭاچ سۈرىتى ئاشكارىلاندى(1)
      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتى مەملىكەت بويىچە ‹‹ئون ياخشى›› تور بېكىتى دېگەن نامغا ئېرىشتى 
      ·«ۋېن جياباۋ: مائارىپ توغرىسىدا» ناملىق كىتاب نەشر قىلىپ تارقىتىلدى