باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«ۋېن جياباۋ: مائارىپ توغرىسىدا» ناملىق كىتاب نەشر قىلىپ تارقىتىلدى

2013.11.01 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: «ۋېن جياباۋ: مائارىپ توغرىسىدا» ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى، خەلق مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، شۇ كۈنى مەملىكەت بويىچە ئاشكارا تارقىتىلدى.

  بۇ كىتابقا يولداش ۋېن جياباۋنىڭ 1995-يىل 9-ئايدىن 2013-يىل 3-ئايغىچە مائارىپ ھەققىدە سۆزلىگەن سۆزلىرى، نۇتۇقلىرى، خەت-چەكلىرى، سۆھبەت ۋە تەكشۈرۈش خاتىرىسىدىن 80 نەچچە پارچە ماقالە، 50 نەچچە پارچە سۈرەت، فوتو باسما كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، خەت سانى تەخمىنەن 500مىڭ ئەتراپىدا كېلىدۇ. بەزى ماقالىلەر تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابتا يولداش ۋېن جياباۋنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆككەنلىكى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ مائارىپ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە مۇلاھىزىسى ئىپادىلەنگەن، ئۇنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئىزدىنىشلىرى خاتىرىلەنگەن. (مۇخبىر يۈەن شى خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر