باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ۋەزىپە بىلەن تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتتى

2013.11.13 15:44         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە ، ‹‹ ‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئاز سانلىق مىللەت تايانچ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى › توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ›› ىنىڭ تەلىپى بويىچە ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرىنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدىكەن . ئاپتونوم رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىگىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنى تەشكىللەپ ، ئىچكىرىدە ۋەزىپە بىلەن تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىش بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم بىر تۈرى ھېسابلىنىدىكەن .

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا ، كىچىك كارخانىلار ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئاپتونوم رايون پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەرلىرىدىن تاللاپ ئەۋەتكەن 30 نەپەردەك ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا ، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش خادىملىرى جېجياڭ ئۆلكىسىگە مەخسۇس ۋەزىپە بىلەن تەربىيەلىنىشكە يۈرۈپ كەتكەن . تەربىيەلىنىش ۋاقتى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە جەمئىي 45 كۈن بولىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە 15 كۈن ئۆگىنىش ۋاقتى بولۇپ ، ئوتتۇرا ، كىچىك كارخانىلار ئىقتىساد تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، كارخانىچىلار ‹‹ دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشىشى ۋە كەسىپ سىياسىتى ›› ، ‹‹ ئوتتۇرا ، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش بىلىملىرى ۋە تېخنىكا ئىقتىدارلىرى ››، قاتارلىقلار بويىچە لېكسىيە سۆزلەيدىكەن ھەمدە كۇرسانتلارنى تەشكىللەپ خاڭجوۋ، ۋېنجوۋ ، نىڭبو ، تەيجوۋ ، يىۋۇ قاتارلىق جايلاردا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى جانلاندۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر، ناھىيەلەردە تەكشۈرۈشتە بولىدىكەن . كېيىنكى 30 كۈندە كارخانىلارغا بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن .

  بۇنىڭدىن باشقا، ........ ‹‹2013-يىللىق ئاز سانلىق مىللەت كارخانا ئىگىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسى ››دىمۇ 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش باشلىنىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر