باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى پىلانى تەسۋىرلەندى

ــ خەلقئارا جامائەتچىلىك ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىغا يۈكسەك باھا بەردى

2013.11.13 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىمىزنىڭ ئومۇمىي خەۋىرى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. خەلقئارا جامائەتچىلىك بۇ قېتىمقى يىغىنغا يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قارىدى ۋە ئىجابىي باھا بەردى، چەت ئەلنىڭ ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلىرى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ھەممىسىلا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى زور، ئۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنى تىپىنى ئۆزگەرتىشكە، ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئىسلاھاتنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارىتى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، ئىشىنىمىزكى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق بىرقەدەر تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بارىدۇ.

  جۇڭگو ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىڭ يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرىق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى ئوستروۋىسكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا تۈزۈلگەن لۇشيەن، فاڭجېن ۋە سىياسەتلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەڭپۇڭ، ماس تەرەققىياتىغا ۋە جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق، رۇسىيە ئۇنىڭدىن ۋاسىتىلىك ھالدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئىنتايىن پايدىلىق تەرەققىيات تەجرىبىسىگىمۇ ئىرىشەلەيدۇ.

  (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر