باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار مەركەزنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشماقتا

2013.11.12 15:18        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «ئومۇم پۇلىغا ئاتكرىتكا قاتارلىق بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ، پوچتىدىن ئەۋەتىشنى قاتتىق چەكلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا كەسپىي ئورۇنلار، پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئومۇم پۇلىغا ئاتكرىتكا، كالېندار قاتارلىق بويۇملارنى سېتىۋېلىپ، پوچتىدىن ئەۋەتىشنى قاتتىق چەكلەشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغاندىن كېيىن، جايلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرى تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ چاقىرقىغا پائال ماسلىشىپ، ئوخشىمىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئومۇم پۇلىغا ئاتكرىتكا سېتىۋېلىشىنى قاتتىق چەكلىدى.

  8-نويابىر شاڭخەي شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، شەھەرلىك مەمۇرى تەپتىش ئىدارىسى « ئومۇم پۇلىغا ئاتكرىتكا قاتارلىق بۇيۇملارنى سېتىۋېلىپ پوچتىدىن ئەۋەتىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرى تەپتىش ئورگانلىرىدىن ئومۇم پۇلىغا ئاتكرىتكا سېتىۋېلىپ پوچتىدىن ئەۋەتىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاش ئەمەلىي ئۈنۈمى بىلەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى روھىنىڭ نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ۋە مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلدى.

  5-نويابىر جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئۆلكىلىك مەمۇرى تەپتىش نازارىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «ئومۇم پۇلىغا ئاتكرىتكا قاتارلىق بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ پوچتىدىن ئەۋەتىشنى قاتتىق چەكلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، دۆلەت ئىلىكىدىكى كارخانا كەسپىي ئورۇنلار ۋە پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىدىن ئومۇم پۇلىغا ئاتكرىتكا، كالېندار قاتارلىق بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشىنى قاتتىق چەكلىدى.

  بۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ، گۇاڭشى، گۇيجۇ، فۇجيەن، گەنسۇ، شەندۇڭ، خەينەن قاتارلىق جايلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرى تەپتىش ئورگانلىرىمۇ ئومۇم پۇلىغا ئاتكرىتكا قاتارلىق بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشنى چەكلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن مەركەزنىڭ ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرى تەپتىش ئورگانلىرىدىن يۈزخاتىرە قىلماي ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىشنى، تىپىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا پاش قىلىپ ئاشكارىلاپ، ئەمەلىي ئۈنۈم بىلەن خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر