باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مۇتەخەسسىسلەر 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشتى

يېڭى لايىھەنىڭ يېڭىلىقى ئۇنىڭ قايسى يېرىدە

2013.11.13 20:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتى پۈتۈن خەلق ئاممىسى كۆز تىكىپ تۇرۇۋاتقان تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، ئىسلاھاتنىڭ قانداق يېڭى لايىھەلىرى تۈزۈپ چىقىلدى؟ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئومۇمىي يىغىن يېپىلغان كۈنى كەچتە، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ماكرولۇق ئىقتىساد ماشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ لىچۈن، دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى شۈ ياۋتۇڭلار خەلق تورىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مۇنبىرىدە بولدى ۋە يېڭىدىن ماقۇللانغان 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاخباراتى ئۈستىدە ئەركىن پىكىرلەشتى.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك كىچىك گۇرۇپپىسىنى قۇرۇش

  يۇقىرى قاتلامدىكى لايىھەدىن باشلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقىچە بولغان ئىشلار

  ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاخباراتى: مەركەزدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك كىچىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، ئۇ ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىگە، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭشەشكە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  شۈ ياۋتۇڭ: مەركەزدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك كىچىك گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىسلاھات ئىشلىرىغا جىددىي مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ، قۇرۇلغان ئىسلاھاتنى تەڭشەش ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمى لايىھەسىگە، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭشەشكە، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  ئىلگىرى بىز ئىشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قىلاتتۇق، ھازىرقى ئىسلاھاتتا ھەم ئىشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قىلىشىمىز ھەم يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنىمۇ تۈزۈشىمىز كېرەك. يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىشنى، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ماسلىقنى كۈچەيتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلاھات چوڭقۇر مەنزىلگە يەتتى، زىددىيەتلەر مۇرەككەپلەشتى، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ماسلىقنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، مەركەزدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك كىچىك گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى دەل ۋاقتىدا بولدى.

  3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپلا قالماي، بىر قاتار ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشلىرىدا كۆچ چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك كىچىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش بىر تەشكىلىي كاپالەت. ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، نىشاننى ئوتتۇرىغا قويۇشتا بىر ئاپپارات ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك، تەشكىلىي كاپالەتنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر