باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جۇڭگولۇقلارنىڭ ھاقارەتلەنگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى

2013.11.12 15:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆپلىگەن جايدا ئامېرىكا رادىيو شىركىتى رىياسەتچىسىنىڭ جۇڭگولۇقلارنى ھاقارەتلەيدىغان سۆزنى قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدا بۈگۈن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا رادىيو شىركىتى خاتالىقىنى تونۇپ، ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورۇنلۇق تەلەپلىرىگە سەمىمىيلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشى ھەم مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

  چىن گاڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش قەرەللىك يىغىنىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە يۇقىرىقى سۆزنى قىلدى. مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار بىلەن جۇڭگولۇقلار ھازىر نۇرغۇن جايدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا رادىيو شىركىتى رىياسەتچىسىنىڭ جۇڭگولۇقلارنى ھاقارەتلەيدىغان سۆزنى قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئۇلاردىن ئاشكارا كەچۈرۈم سوراش، رىياسەتچى جىم كىممېلنى ئىشتىن بوشىتىش ھەم مۇشۇنداق كەمسىتىش ۋەقەلىرىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان، بەزىلەر ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى جۇڭگو ئەلچىخانىسى بىلەن كونسۇلخانىسى تەشكىللىگەن، دەپ قارىغان. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ ئامېرىكا بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلەشتىمۇ؟ ئامېرىكا رادىيو شىركىتىگە تەدبىر قوللانماقچىمۇ؟

  چىن گاڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار بىلەن جۇڭگولۇقلار ئۆزلۈكىدىن نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا رادىيو شىركىتى رىياسەتچىسىنىڭ جۇڭگولۇقلارنى ھاقارەتلىگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىرقىي كەمسىتىش مەزمۇنىدىكى ۋە ئىرقىي ئۆچمەنلىك قوزغايدىغان سۆزلەرنى قىلىش بارلىق تاراتقۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىگە خىلاپ. ئامېرىكا رادىيو شىركىتى خاتالىقىنى تونۇپ، ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورۇنلۇق تەلەپلىرىگە سەمىمىيلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشى ھەم مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر