باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىسلاھاتنىڭ كۈچلۈك ساداسى كىشىنى روھلاندۇردى، تەرەققىيات كارتىنىسى كىشىنى تەقەززا قىلدى(1)

2013.11.14 16:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما، ھەر ساھەدىكىلەر ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئاخباراتىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

  ئۇنىۋېرسال خەۋەر: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى 12 – نويابىر بېيجىڭدا يېپىلدى. 3 – ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتى ئېلان قىلىنىشى بىلەن، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى: بەزى كەسىپ، ساھە مۇتەخەسسىسلىرى ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى كەسىپ نۇقتىسىدىن يەشتى، بەزى كەسىپكارلار ئىسلاھاتنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىدىن كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىدى، ھەر مىللەت ئامما ئۆزلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھات مەزمۇنىغا تولىمۇ كۆڭۈل بۆلدى.

  كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دېدى: ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بۇرغىسىنى ياڭرىتىپ ھەم دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى، ھەم جايلارنى كەلگۈسى تەرەققىيات يېتەكچى ئىدىيەسىگە ئىگە قىلدى، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان رېئال مەسىلىلەرگە پائال جاۋاب بەردى.

  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ لىنىيە خەرىتىسى سىزىلدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، ئىسلاھات داۋاملىشىدۇ، ئاخىرلاشمايدۇ. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى دۆلىتىمىز ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ زور غەلىبىگە يۈزلىنىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشىنىڭ يېڭى بۇرۇلۇش نۇقتىسى، دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى مەمۇرىي ئىنستىتۇتى ئوقۇتۇش تەتقىقاتى كافېدراسىنىڭ پىروفېسسورى شېن جۈنلى.

  خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يەن گوشەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بۇرغىسىنى ياڭرىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ ئىلگىرىلەش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشى.

  ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ لىنىيە خەرىتىسى سىزىلىپ بولدى دېيىشكە بولىدۇ. ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدا، ئادىللىق، يېڭىلىق يارىتىش، دېموكراتىيە، ئېچىۋېتىش، بازار قاتارلىق سۆزلەر كۆپ كۆرۈلدى، بۇ دەل كېيىنكى ئىسلاھاتلىرىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەر ۋە نىشاندۇر، دېدى بىڭتۈەن 10 – شىسى بېيتۈن شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما يۇڭگۇاڭ.

  ئەمەلىي خىزمىتىمىز بىلەن ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى 13 – نويابىر ئورگاندىكى بارلىق خادىملار يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئاخباراتىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: تەشكىلات تارماقلىرى ۋە تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرى ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش، دادىل بولۇش، تەشەببۇسكار، ياراملىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلات خىزمىتىدە يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇتقا نۇقتىسى بىلەن تايانچ نۇقتىسى توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشكىلات خىزمىتى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىكىلەر ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى پائال مۇزاكىرە قىلىپ، كەلگۈسى خىزمەت ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاشنى ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مالىيە تارماقلىرىنىڭ كىرىم تەشكىللەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مالىيە كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خې شېنۋېي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى تارماقلىرى ئەمەلىي خىزمىتىدە ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كىلەر يىللىق دۆلەت زېمىن بايلىقى خىزمەت تەسەۋۋۇرى، مۇھىم ۋەزىپە ۋە كونكرېت تەدبىرلەرنى بالدۇرراق پىلانلاپ، كېلەر يىللىق دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدا تىرىشىپ ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر