باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى

2013.11.13 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى 12-چېسلا چۈشتىن كېيىن يېپىلدى. 4 كۈن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»نى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاخباراتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى، ئۇ ئىسلاھاتنى بىر پۈتۈن لايىھەلەش، بىرتۇتاش پىلانلاش-ماسلاشتۇرۇش، بىر پۈتۈن ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئىسلاھاتقا بولغان رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى كېرەك.

  (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر