باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەيدىز ۋىرۇسى بەش مىليون يىل ياشىيالايدىكەن

2013.11.08 16:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ چوڭايتىلغان كۆرۈنۈش

  ئەيدىز كېسىلى- 20-ئەسىرلەردە قارا ئورانگۇتان تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV)نىڭ ئادەم بەدىنىگە كۆچكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. لېكىن ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇرۇن ئىنسانلار بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ تېنىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋاقتىغا ئىنتايىن سەل قارىغان ئىكەن.

  ئامېرىكا سىئاتېل شەھىرىدىكى ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئەيدىز ۋىرۇسى دۇنيادا ئەزەلدىن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بۇ بايقاش 20-ئەسىردىكى ئەيدىز تەلىماتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

  يېڭى گېن تەتقىقاتىدىن كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ۋىرۇس 5 مىليوندىن 12 مىليون يىل بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەن. بۇ تەتقىقات تۈرى ئالىملارنىڭ ئەيدىز ۋە باشقا ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەملىك ئالامەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىۋېلىشىغا پايدىلىق.

  نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا بويىچە 34 مىليون ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇ كېسەللىك ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ 20-ئەسىرلەردە قارا ئورانگۇتان تېنىدىن ئادەم تىنىغا كۆچۈش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. لېكىن ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇرۇن كىشىلەر بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ياشىيالايدىغانلىقىغا سەل قاراپ كەلگەن ئىكەن.

  سىئاتېل شەھىرىنىڭ ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن فېرد خاكىنسون ئۆسمە تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىملار قارا ئورانگۇتان، چوڭ ئورانگۇتان، قىزىل ئورانگۇتان ۋە مايمۇنلارنىڭ تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ باردى. ئافرىقىدىكى پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ گېن تەرەققىياتىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك 5 مىليوندىن 12 مىليون يىل ئاۋۋال يەر شارىدا مەۋجۇت ئىكەن.

  «ئىلىم- پەن ئاممىۋى كىتابخانىسى كېسەللىكلەر مەنبەسى جىلىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسى، بىزنى ئىنسانلارغا يېقىن كېلىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تەرەققىياتى ھەققىدە يىپ- ئۇچىغا ئېرىشتۈرۈپ، بۇ خىل كېسەللىك بىلەن كۆرۈش قىلىدىغان يېڭى يولنى ئېچىپ بەرگۈسى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر