باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

ئوغۇل دوستى ماكدونالىد تېز تاماقخانىسىغا كىرىپ تاماق يېيىشنى رەت قىلغاچقا، قىز دوستى ئۇنى ماشىنا بىلەن ئۈچ قېتىم باستۇرۇۋەتكەن

2013.11.06 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىردىكى خەۋىرى: تەيۋەن دوڭسېن ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېمەك-ئىچمەك مۇتەخەسسىسلىرى تېز تاماقنىڭ خۇامار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئامېرىكىنىڭ ناشى ئارىلىدىكى بىر قىز ھامبۇرگ بولكىسىغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان دەرىجىدە خۇمار بولۇپ قولغان. ئوغۇل دوستى ماكدونالىد تېز تاماقخانىسىغا كىرىپ تاماق يېيىشنى رەت قىلغانلىقتىن، ماشىنا بىلەن ئوغۇل دوستىنى ئۇدا ئۈچ قېتىم باستۇرۇۋەتكەن.

  ئالدىنقى پەيشەنبە ئەتىگەندە، 33 ياشلىق كىريستال گېرىر بىروكس ئوغۇل دوستى سانتياگو خىرنەندىز ۋە يەنە بىر دوستى بىلەن كىچىك يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ سىرتقا تاماق يېگىلى چىققان. ئۇ ماكدونالىد تېز تاماقخانىسى ئالدىدا توختىتىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئوغۇل دوستى ئۇنى رەت قىلغان. كىريستال بۇنىڭدىن ئىنتايىن خاپا بوللغان، بىردەم ئۆتۈپ، ئوغۇل دوستىغا ماشىنىنى ياندا توختىتىشنى ئېيتقان. 41 ياشلىق خىرنەندىز ماشىنىدىن چۈشۈپ، ماشىنىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋالغان. كېيىن كىريستال ماشىنىنى ھەيدەپ بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇدا ئۈچ قېتىم باستۇرغان. ئەينەندىز ئۇنىڭ يولدىشى ئىكەن.

  ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ماشىنىدىكى ئۈچەيلەن ھاراق ئىچكەنكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر