باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تولۇق ئاياغلاشتى

ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر ئورۇنغا 77 ئادەم تىزىملاتتى

2013.10.28 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-چېسلا كەچ، دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تولۇق ئاياغلاشتى. مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئىگىلىشىچە،جەمئىي 1 مىليون 520 مىڭ ئادەم دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولۇپ چىققان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر خىزمەت ئورنىغا 77 ئادەم تىزىملاتقان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 37 خىزمەت ئورنىنىڭ ھەربىرىگە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تىزىملاتقان، ئەڭ ئالقىشلانغان بىر خىزمەت ئورنىغا تىزىملاتقان ئادەم 7192 گە يەتكەن.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىمۇ 72 خىزمەت ئورنىغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان ياكى سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلمىگەن، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جاپالىق چەت رايونلاردىكى خىزمەت ئورنى ياكى ئالاھىدە كەسىپ خىزمەت ئورنى ئىكەن. (مۇخبىر جاۋ پېڭ خەۋىرى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر