باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىن نەزەرىيەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى بەرپا قىلىش

ــــ ماركىسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى «دىنشۇناسلىق» دەرسلىكىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى يې شياۋۋېننى زىيارەت

2013.10.30 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىن نەزەرىيەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى بەرپا قىلىش

  ــــ ماركىسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى «دىنشۇناسلىق» دەرسلىكىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى يې شياۋۋېننى زىيارەت

  مۇخبىر: پېڭ گوخۇا، ياڭ شۆبو

  تەرجىمان: خەلق تورى كومپارتىيە ئاخبارات بۆلۈمىدىن ئالىم راخمان

  20-ئەسىرنىڭ باشلىرى رۇسىيە ئىشچىلار سىنىپى سوتسىيالىزم غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي پەيتتە، لېنىننىڭ «سوتسىيالىزىم ۋە دىن» ناملىق كىتابى ‹ماتېرىيالىزىم ۋە ئاتېئىزىمدا چىڭ تۇرىدىغان ئىشچىلار سىنىپى پارتىيەسى دىنغا قانداق پوزىتسىيە تۇتىدۇ؟ سوتسىيالىزىم بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟› دىگەن بىر سىياسىي قىيىن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋەزىپىسى ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. نوپۇسى كۆپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان شەرقتىكى چوڭ دۆلەتتە سوتسىيالىزىم قۇرۇش، «سوتسىيالىزىم بىلەن دىن» مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىن نەزەرىيىسى بۇ قىيىن مەسىلىنى قاندان مۇۋەپپەقىيەتلىك يەشتى ۋە ئۇنىڭغا ئىلمىي جاۋاب بەردى؟ بۇ تېمىنى چۆرىدەپ، مۇخبىر ماركىسىزم نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇشى «دىنشۇناسلىق» دەرسلىكىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى يې شياۋۋېننى زىيارەت قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركىسىزملىق دىن قارىشىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىن نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسىي رامكىسى ۋە مەزمۇنىنى تەدرىجىي ۋۇجۇدقا چىقاردى.

  مۇخبىر: پارتىيەمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىن نەزەرىيىسى ئۈستىدە قانداق ئىزدەندى ۋە ئۇنى بەرپا قىلدى؟

  يې شياۋۋېن: يولداش ماۋ زېدوڭ ئاساسىي ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركىسىزملىق دىن قارىشىنىڭ جۇڭگوچىلىشىش مۇساپىسىنى باشلىدى. پارتىيەنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ‹جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن تارتىپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، ئاتېئىزم تەشۋىقاتىنىمۇ قىلىۋاتىمىز. ماركىسىزىمچىلارنىڭ قارىشىچە، دىنغا ئوخشاش بۇنداق مەسىسلىلەرنى مەمۇرىي ئۇسۇلغا تايىنىپ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ› دەپ تەكىتلىدى. 1982-يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم مەزگىلىدىكى دىن مەسىلىسى ئۈستىدىكى تۈپ نۇقتىئىنەزىرى ۋە تۈپ سىياسىتى»نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ماركىسىزم-لېنىنىزىملىق دىن نەزەرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى مەركەزلىك ئىپادىلىدى. مەسىلەن دىننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشىغا، مىللىيلىق، ئاممىۋىيلىق، خەلقئارالىق، مۇرەككەپ بولۇشىغا ئائىت قاراش؛ سىياسىي ھەرىكەتتە ماركىسىزىمچىلار ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىندارلارنىڭ چوقۇم بىرلىكسەپكە ئۇيۇشۇشىغا ئائىت قاراش؛ مەمۇرىي پەرمان ياكى باشقا زورلۇق ۋاستىسىگە تايىنىپ دىننى بىر يولىلا يوقىتىۋېتىشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىغا ئائىت قاراش؛ دىن ساھەسىدىكى خارەكتېرى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل زىددىيەتنى توغرا پەرقلەندۈرۈشكە ۋە ھەل قىلىشقا ئائىت قاراش؛ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنىڭ تۈپ سىياسەت، ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسەت ئىكەنلىكىگە ئائىت قاراش قاتارلىقلار.

  2001-يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چاقىرغان مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا، يولداش جياڭ زېمىن «دىن مەسىلىسى ھەققىدە» تېمىسىدا دوكلات بېرىپ، دىن مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى، يېڭى ئەسىرنىڭ بېشىدىكى دىن خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم خىزمەتلىرى، شۇنىڭدەك پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئۈچ چوڭ مەسىلىنى مەركەزلىك شەرھىيلىدى. ماركىسىزىملىق دىن قارىشىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىننىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىكى، دىن مەسىلىسىنىڭ ئاممىۋىيلىقى ۋە ئالاھىدە مۇرەككەپلىكى ھەققىدىكى تۈپ قاراشنى تەكىتلىدى، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمىلىيلەشتۈرۈش، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، دىنىي ئىشلاردا مۇستەقىل بولۇش، ئۆزى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا پائال يېتەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ دوكلات ـــ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسىنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتىكى دىن مەسىلىسى ۋە دىن خىزمىتىنى تۇنجى قېتىم مەخسۇس ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر شەرھىيلىشى بولۇپ، لېنىننىڭ «سوتسىيالىزم ۋە دىن» دىن كېيىنكى تارىخىي يېڭى سەھىپە.

  2004-يىلى گوۋۇيۈەن تارقاتقان «دىنىي ئىشلار نىزامى» دۆلىتىمىزنى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشتا قانۇن-تۈزۈملىشىش يولىغا سالدى.

  پارتىيەنىڭ 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش خۇ جىنتاۋ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى تەلىپىدە تۇرۇپ، دىنىي مۇناسىۋەتنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي تۇرمۇش ساھەسىدە دۆلەت ئومۇمىيىتىگە چېتىلىدىغان بەش چوڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت (پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتى) نىڭ بىرى، دىنىي مۇناسىۋەتنىڭ ئىناقلىقىنى ساقلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات داۋامىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، دىننىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشىنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پائال يېتەكلەش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر