باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>يېڭى يىپەك يولى>>ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئەتراپ مۇھىتى يارىتىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك (1)

2013.10.28 16:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 25 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 24 – ئۆكتەبىردىن 25 – ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئاچقان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىنى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ‹‹200 يىل›› كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ئېھتىياجى، ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنى تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئەتراپ مۇھىتى يارىتىپ، تەرەققىيات ئارقىلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى: تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىش، كەلگۈسىگە يول ئېچىش، كېيىنكى بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان ئەتراپ دىپلوماتىيە خىزمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، تۈپ فاڭجېنى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بېكىتىش، ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە دۇچ كەلگەن مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ خىزمەت تەسەۋۋۇرى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى – ‹‹200 يىل›› كۈرەش نىشانىغا يېتىشكە بويسۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېلىمىز بىلەن بولغان سىياسىي مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ دوستانە، ئىقتىسادىي ۋاسىتىسىنىڭ تېخىمۇ پۇختا، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر، ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ قويۇق بولۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ تۈپ فاڭجېنى – قوشنىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا يۆلەك بولۇش، ئىناق قوشنىدارچىلىق، تىنچ قوشنىدارچىلىق، باياشات قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدە چىڭ تۇرۇش، يېقىنچىلىق قىلىش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئېلىمىز ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىزچىل فاڭجېنى. ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ قوغداش؛ باراۋەرلىكنى تەكىتلەپ، ھېسسىياتقا ئەھمىيەت بېرىش؛ دائىم كۆرۈشۈپ، كۆپرەك بېرىش – كېلىش قىلىش؛ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىدىغان، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېلىمىزگە تېخىمۇ سەمىمىي، يېقىن بولۇشى، ئېلىمىزنى تېخىمۇ ئېتىراپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىرىكىش كۈچى، چاقىرىق كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ دوست تۇتۇشىمىز ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىمىز كېرەك. ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا پايدا – مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ ئورتاق مەنپەئەت تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مەنپەئىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىمۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش جەريانىدا پايدا ۋە ياردەمچى كۈچكە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك. كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى سىغدۇرالايدىغانلىقىنى تەكىتلىشىمىز، رايون ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كەڭ قورساق ۋە ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ ئىدىيەلەرنى ئاۋۋال ئۆزىمىز باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ، ئۇنى بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ئەمەل قىلىدىغان ۋە داۋاملاشتۇرىدىغان ئورتاق ئىدىيە ۋە ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر