باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ جىپ ماشىنىنىڭ تيەنئەنمېن جىنشۈي كۆۋرۈكىگە سوقۇلۇش ۋەقەسىنى تېز بىر تەرەپ قىلدى

2013.10.29 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن سائەت 12 دىن بەش مىنۇت ئۆتكەنلەردە، بىر جىپ ماشىنا بېيجىڭ شەھىرى نەنچىزى كوچىسىنىڭ جەنۇبىي ئېغىزىدىن چاڭئەن كوچىسىنىڭ يان يولىغا بۆسۈپ كىرىپ، شەرقتىن غەربكە مېڭىپ، تيەنئەنمېن جىنشۈي كۆۋرۈكىنىڭ رىشاتكىسىغا سوقۇلغاندىن كېيىن ئوت كەتتى، يۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن ساياھەتچى، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خەلق ساقچىلىرىنى يارىلاندۇردى. بېيجىڭ شەھىرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى، جىددىي ئەھۋال، سەھىيە قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار دەرھال جىددىي لايىھەنى يولغا قويۇپ، خىزمەت قىلىپ ۋە قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، يارىدارلارنىڭ ھەممىسىنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزدى، سائەت 13 تىن توققۇز مىنۇت ئۆتكەندە نەق مەيداندىكى قاتناش ئەسلىگە كېلىپ نورماللاشتى.

  دەسلەپكى مەلۇماتقا قارىغاندا، ۋەقەدە بەش ئادەم قازا قىلغان، بۇ ئىش تېرىغان ماشىنىدىكى ئۈچ ئادەم ھەم فىلىپپىنلىق بىر ئايال ساياھەتچى، گۇاڭدۇڭلۇق بىر ئەر ساياھەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، 38 ئادەم يارىلانغان، يارىدارلارنىڭ ئىچىدە فىلىپپىنلىق ئىككى ئايال، بىر ئەر ساياھەتچى، ياپونىيەلىك بىر ئەر ساياھەتچى بار ئىكەن. ئالاقىدار دوختۇرخانىلار يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، مۇتەخەسسىسلەرنى تېزدىن تەشكىللەپ جىددىي دىئاگنوز قويغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر