باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بايىنغۇلىن ئوبلاستى 784 نەپەر كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىدۇ

2013.10.29 15:21         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، بايىنغۇلىن ئوبلاستى يېقىندا جەمئىيەتتىن ئاشكارا ھالدا 784 نەپەر كەسپىي ئورۇن خىزمەتچىسى قوبۇل قىلىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئىدارىلەر 137 نەپەر ، ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر) ، يېزا–بازار ۋە كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى جەمئىي 647 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكەن . تورىدا تىزىملاش خىزمىتى 1-نويابىردىن 6-نويابىرغىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن .

  بۇ قېتىمقى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىشتا تۇنجى قېتىم ئوبلاست ، ناھىيە ، يېزىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجە بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ ، خىزمەت ئورۇنلىرى ئۇنىۋېرسال تۈر ، ئوقۇتقۇچىلىق ، سەھىيە ، سەنئەت قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن . ئۇنىۋېرسال تۈر ، ئوقۇتقۇچىلىق ۋە سەھىيە تۈرىدە ئاۋۋال يازما ئىمتىھان ، ئاندىن يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن ، سەنئەت تۈرىدە ئاۋۋال يۈزتۇرانە ئىمتىھان ، ئاندىن يازما ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن ، 4-نويابىردىن 8-نويابىرغىچە نەق مەيداندا تىزىملاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن .

  يازما ئىمتىھان 30-نويابىر ئېلىنىدىكەن ، خىزمەت ئورنى ۋە كونكرېت شەرتلەر ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تورى (http://renli.tst688.com)دىن سۈرۈشتۈرۈڭ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر