باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىغا تىزىملاتقان كارخانا تۆت ھەسسىگە يېقىن ئاشتى

2013.10.29 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن ۋىۋىسكا ئېسىلغان جۇڭگو شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى كارخانا ساھەسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن شاڭخەي شەھەرلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، 1-ئۆكتەبىردىن 27-ئۆكتەبىرگىچە، شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى شۆبە ئىدارىسى 208 كارخانىنى تىزىمغا ئېلىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە تەۋە رايوندا تەسىس قىلغان 44 كارخانا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۆت ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىچكى مەبلەغ كارخانىسى 188، چەتئەل مەبلىغى كارخانىسى 20 بولغان.

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان كارخانىلاردىن قارىغاندا، پاي سېتىۋېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان شىركەتلەر ئىچىدە، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى ئەڭ يۇقىرى بولغىنىنىڭ 79 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ئەڭ تۆۋەن بولغىنىنىڭ 30 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال دائىرىدە ئىكەن، بەك كۆپ ياكى بەك تۆۋەن بولۇش ئەھۋالى پەيدا بولمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر