باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

باشار تەختتىن چۈشسە قانداق نەتىجە يۈز بېرىدۇ؟(1)

2013.10.29 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا ئامېرىكىنىڭ قەرز كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشىنىڭ خەتىرى ۋە ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان پەيتتە، باشار دۇچ كەلگەن بېسىم بىردىنلا يېنىكلەپ قالدى، لېكىن بۇ-ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالدىن قېچىپ قۇتۇلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

  قەدىرلىك دوستلار، دۇنيا ئامېرىكىنىڭ قەرز كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشىنىڭ خەتىرى ۋە ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان پەيتتە، باشار دۇچ كەلگەن بېسىم بىردىنلا يېنىكلەپ قالدى، لېكىن بۇ-ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالدىن قېچىپ قۇتۇلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. باشار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 2014-يىلىدىكى پىرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشماسلىقىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلىقىنى ئوچۇق ئېيتتى. لېكىن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر باشار ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسە، سۇرىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشمايدۇ دېدى.

  بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى، چۈنكى سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار باشارنىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە قوشۇلمايدۇ. كېررى ھېچقانداق ئادەم سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار باشارنىڭ ھۆكۈمەتتە ھەر قانداق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا قوشۇلمايدۇ دېدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، ھازىرغىچە بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشالمىغان ئۆكتىچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەلۋەتتە باشارنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن بۇنىڭغا تېخىمۇ جىددىي تەقەززا بولۇۋاتقىنى يەنىلا ئامېرىكا. كېررى سۆزىدە ئاشكارىلىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ئامېرىكا بىلەن سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلارنىڭ ئالاقىسى بەك قويۇق.

  بۇ خىل بايان بىر ئاز ھەممىگە قادىردەك تۈسكە ئىگە، لېكىن بۇ ئادەمگە ھەممە ئىشنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغاندەك تۇيغۇ بەرمەي قالمايدۇ. ئاتالمىش مەسىلىنى يەمەنچە، لىۋىيەچە ئەندىزە بىلەن ھەل قىلىشنىمۇ ئامېرىكا ئىجاد قىلغان. پەقەت سۇرىيە مەسىلىسىدە، بارلىق ئەندىزە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ لوگىكىسى بويىچە بولغاندا، باشار تەختتىن چۈشسە، سۇرىيەنىڭ تىنچلىقى ئەسلىگە كېلەمدۇ؟ شۈبھىسىزكى، بۇ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس.

  ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئەرەبى يېقىندا سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى 2-قېتىملىق جەنۋە يىغىنىنىڭ 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. لېكىن باشار دەرھال سۆز قىلىپ، شارائىت تېخى پىشىپ يېتىلمىدى، يىغىننىڭ ۋاقتى ئېنىق ئەمەس دېدى.

  باشارنىڭ پوزىتىسىيەسى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ كەلدى: يەنى سۆھبەتلەشسەك بولىدۇ، لېكىن قارشى تەرەپتە قورال بولماسلىقى، تېررورلۇقتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك، يەنە سىرتقى كۈچلەر سۇرىيەگە سىياسىي، ھەربىي ۋە باشقا شەكىللەر بىلەن ئارىلاشسا بولمايدۇ دېدى.

  ئەمما سۇرىيە مەسىلىسىنىڭ قىيىن نۇقتىسى-ئۇنىڭ يالغۇز دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى بولماستىن، بەلكى ئاللىبۇرۇنلا بىر مەيدان ۋاكالەتچىلەر ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىدا. بولمىسا، باشارنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان كونتروللۇقىغا تايىنىپ، ئۆكتىچى قوراللىقلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا گەپ كەتمەيدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر