باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پېنسىيەگە چىقىش كېچىكتۈرۈلسە، كۈتۈنۈش پۇلىنى راستىنلا ئارتۇق ئالغىلى بولامدۇ؟

2013.10.30 17:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەگەر پېنسىيەگە چىقىش 5 يىل كېچىكتۈرۈلسە، ھەر ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى زادى قانچىلىك كۆپىيىدۇ؟بېيجىڭ ياشلار گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ھېسابلاش ئارقىلىق، ئايلىق كىرىمى 5000 يۈەن بولغان ئىشچى-خىزمەتچى ئەگەر پېنسىيەگە چىقىشنى 5 يىل كېچىكتۈرسە، ھەر ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى نورمال پېنسىيەگە چىققانلارنىڭكىدىن 900 نەچچە يۈەن كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.بېيجىڭ ياشلار گېزىتى بۇ خۇلاسىغا مۇنداق ھېسابلاش ئارقىلىقئېرىشكەن: ئارتۇق تاپشۇرۇلغان 5 يىل تاپشۇرغان سۇغۇرتا ھەققىنى 3 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتىكى ئارتۇق ئېرىشكەن كۈتۈنۈش پۇلى ئارقىلىققايتۇرۇۋېلىشقا تامامەن بولىدۇ، قالغان قىسمىنىڭ ھەممىسى ئارتۇق ئېرىشكەنپۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى «بېيجىڭ ياشلار گېزىتى»دىن)

  بېيجىڭ ياشلار گېزىتىنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلىئىلمىي بولسۇن ياكى بولمىسۇن، كۈتۈنۈش پۇلىنى تاپشۇرۇش يىل چېكى قانچە ئۇزۇن بولسا، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئېرىشىدىغان كۈتۈنۈش پۇلىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ دېگەن گەپ ئادەتتىكى ساۋاتقا ئايلىنىپ قالدى. روشەنكى، بېيجىڭ ياشلار گېزىتى بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق، ئاممىنى پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈشكە قارشى تۇرۇشقا ئوخشىمايدىغان باشقابىر خىل تېخىمۇ «ئەقلىي» بولغان ھۆكۈم بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغان. ئەپسۇسكى، بۇھېسابلاش ئۇسۇلىدا ساۋات خاراكتېرلىك خاتالىق مەۋجۇد، چۈنكى، ئۇنىڭدا سۇغۇرتا ھەققىنى كۆپ تاپشۇرۇش ئۇقۇمى بىلەن پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش ئۇقۇمى ئالماشتۇرۇۋېتىلگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر