باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش ساقچىلىرى تارماقلىرى ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى

2013.10.31 17:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈي يۈنيەننىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچىلىرى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 9 – ئۆكتەبىردىن 20 – ئۆكتەبىرگىچە بولغان 12 كۈندە بىر قېتىمدا بەشتىن كۆپ كىشى قازا قىلىشتەك بىرقەدەر ئېغىر قاتناش ھادىسىسىدىن تۆتى يۈز بەرگەن، جەمئى 29 كىشى قازا قىلىپ، 22 كىشى يارىلانغان.

  دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە تەھلىل قىلىنىشىچە، بۇ تۆت قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە شوپۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭى تۆۋەن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولغان. خوتەندىكى ‹‹9 – ئۆكتەبىر›› قاتناش ھادىسىسىدىكى ئاساسلىق سەۋەب يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ سۈرئىتى زىيادە تېز بولۇپ، قارشى يۆنىلىشتىكى ئاپتوموبىل بىلەن سوقۇلۇش خەۋپى بولسىمۇ، يەنىلا ئالدىدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلدىن يانداپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندا، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلغان؛ ئالتايدىكى ‹‹10 – ئۆكتەبىر›› قاتناش ھادىسىسىدىكى ئاساسلىق سەۋەب پىكاپ يولنى ئىگىلىۋالغان، كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا يولۇچىلار ئېغىر دەرىجىدە نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، يەتتە كىشىلىك ئورۇنغا ئون كىشى ئولتۇرغان؛ تارباغاتايدىكى ‹‹15 – ئۆكتەبىر›› قاتناش ھادىسىسىدىكى ئاساسلىق سەۋەب پىكاپ نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالغان، تېز سۈرئەتتە ياندىغان، يول تالاشقان؛ خوتەندىكى ‹‹20 – ئۆكتەبىر›› قاتناش ھادىسىسىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دالا ئاپتوموبىلىغا نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىنغان، تىراكتورنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى مۇكەممەل بولمىغان.

  ئاپتونوم رايونلوق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچىلىرى باش ئەترىتى ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، خوتەن، ئالتاي، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرۈپ، بۇ جايلارنى قاتناش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن، ئالاقىدار مەسئۇللار ۋە خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشكە بۇيرۇدى.

  قاتناش ساقچىلىرى تارماقلىرى مۇنداق دېدى: كۈز ۋە قىش پەسلىدە يامغۇر، قار، تۇمان، مۇز قېتىش قاتارلىق ناچار ھاۋارايىنىڭ كۆپ يۈز بېرىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يول قاتنىشى بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، يۈك ئاپتوموبىلى، مەكتەپ ئاپتوبۇسى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىل، شۇنداقلا يېزا يوللىرىدا قاتنايدىغان مىنىبۇس قاتارلىق نۇقتىلىق ئاپتوموبىللار ۋە شوپۇرلارنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ۋەزىپە ئۆتەشنى ئىلمىي تەڭشەپ، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش، نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىش، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، يۈك ئاپتوموبىلىنى قارام ھەيدەش قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا ئېغىر خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، يول قاتنىشى بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىرقەدەر ئېغىر قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر