باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

باشار تەختتىن چۈشسە قانداق نەتىجە يۈز بېرىدۇ؟(2)

2013.10.29 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ قوللىنىپ كەلگەن تاكتىكىسى شۇكى، باشارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت تەشكىللەنسىلا، باشقا چاتاق يوق. بىراق قانۇنلۇق ھۆكۈمەت بولغان باشار ھاكىمىيىتى نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ لوگىكىسىغا بويسۇنۇپ، ياۋاشلىق بىلەن ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەككەن؟

  نۆۋەتتە سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا يەنىلا بىر قىسىم قول تۇتىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، يەنى ئۆكتىچىلەر بىرىكمە كۈچ بولۇپ شەكىللەنمىدى. سۇرىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى بولغان سۇرىيە مەملىكەتلىك دېموكراتىك ئىسلاھات كۈچلىرى مىللىي ياراشتۇرۇش ئورگىنى ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ بىر تۇتاش سالاھىيەت بىلەن سۆھبەتكە قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلدى، ئەمما چەتئەلدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى كۈچ بولغان سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي كۈچ مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى جەنۋە سۆھبىتىگە شەرتلىك قاتنىشىشنى ئويلاشتى.

  ئۆكتىچىلەرنى قايىل قىلمىغان ئەھۋالدا، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولغانلىقى ئەمەلىيەتتە بەك ئالدىراپ كەتكەنلىك. باشار ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىچكى ماجىرا قىلىپ ھوقۇق تارتىۋېلىش كۈرىشى يۈز بەرمەي قالمايدۇ، سۇرىيەنىڭ تىنچلىقىمۇ ئەسلىگە كەلمەيدۇ.

  سۇرىيە مەسىلىسىنىڭ ئۇزۇنغىچە ھەل بولماسلىقى يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا تۇرۇۋاتقان ئوڭايسىز ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، يەنى ئۆزى دۇنيادا ئامېرىكىسىزلاشتۇرۇش چوڭ مۇھىتىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما ئۆزى يەنىلا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىش ھەلەكچىلىكىدە بولۇۋاتىدۇ، ئەگەر ئامېرىكا قولىنى تارتسا، مەسىلە ئوڭايلا ھەل بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر