باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە تەمىنات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرايلى

2013.10.31 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىي بىيۇروسى 29-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە تەمىنات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا 10- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە تەمىنات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قامداق، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات-تەرەققىياتنىڭ مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمان قىلىشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر تەشكىلاتچىلىق ۋە رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە تەمىنات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان سىياسىي تەدبىر قىلىش كېرەك.چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇش-سۇچىلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ خۇڭيۈ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى سىياسەت تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى چىن خۇڭ مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە لېكسىيە سۆزلىدى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر