باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت لىۋاننىڭ شىمالىدىكى مەزھەپلەر توقۇنۇشىدىن ئەندىشە قىلدى

2013.10.31 17:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى دىرىك پۇرامبۇلى 29-ئۆكتەبىر: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋاننىڭ شىمالىدىكى ترىپولى شەھىرىدىكى مەزھەپلەر توقۇنۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا دېدى.

  پۇرامبۇلى مۇنداق دېدى: سۇرىيە توقۇنۇشى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، لىۋاندىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار ھەر قاچان ئۆزىنى تۇتىۋېلىشى كېرەك، ھەر قانداق ھەرىكەت قوللىنىشتا دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى مۇھىم بىلىش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋان پىرېزىدېنتىنىڭ لىۋاندىكى ھەر قايسى گۇرۇھ رەھبەرلىرىگە چىقارغان مۇراجىتىنى قوللايدۇ، سۇرىيە توقۇنۇشىغا ئارىلاشماسلىق سىياسىتى بويىچە دۆلەتنى سۇرىيە كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلاپ قالىدۇ، يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋە مەملىكەتلىك سۆزلىشىشنى تېزدىن باشلاشنى قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر