باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلايلى

ــ نۆۋەتتىكى كارخانىلارنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان كۆزقارىشى ۋە تەكلىپلىرى توغرىسىدا

2013.10.30 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، ھەرقايسى تەرەپلەر يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھاتتىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە كارخانىلارنىڭھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ مۇناسىۋىتنى راۋانلاشتۇرۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلىۋاتقانلىقى بايقالدى. كارخانىلارنىڭ ئارزۇسى مۇنداق بىر قانچە جەھەتكە مەركەزلەشكەن: بىرىنچى، يەر-زېمىن، قېزىلما بايلىق، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ بازارلىشىشىنى يەنىمۇتېزلىتىپ، مونوپۇل ساھەلەرنىڭئىسلاھاتىنى تېزلىتىش؛ ئىككىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى بوشاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، يېڭى تىپتىكى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش؛ ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىش شارائىتىنى يەنىمۇئەلالاشتۇرۇپ، باج-ھەق سىياسىتى، مائارىپ-تەربىيەلەش، ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق تاشقى مۇھىتنى يارىتىش.

  يېقىندا، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەخسۇس تېما گۇرۇپپىسى «ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش» مەسىلىسى توغرىسىدا بېيجىڭ، تيەنجىن، تاڭشەن، خاربىن، ۋۇشى، ۋېنجوۋ، ۋۇخەن، چېڭدۇ، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئوخشىمىغان ساھە، ئوخشىمىغان كۆلەم ۋە ئوخشىمىغان مۈلۈكچىلىكتىكى 1539 كارخانىغا قارىتا، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋەۋاراقلىق تەكشۈرۈشئېلىپ باردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتىكى كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى يەنىمۇچوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىقى بايقالدى. تەكشۈرۈشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ئىچىدە، كارخانىلارھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، مالىيە-باج تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھاتىنىتېزلىتىش، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، غەيرىي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا پايدىلىق تۈزۈلمەۋەسىياسەتمۇھىتنى يارىتىش، ئەمگەك-ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەتتوققۇز مەسىلىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر