باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈريول مىنىستىرلىقى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، پويىز بېلىتىنى بىرلا قېتىم ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى، پويىز قوزغالغاندىن كېيىن بېلەت قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىدى

2013.10.30 17:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غەربىي جۇڭگو شەھەر گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: پويىز قوزغىلىشتىن بۇرۇن بېلەتنى ئالماشتۇرۇش ياكى قايتۇرۇشتا، بىر بېلەتنى بىرلا قېتىم ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا پويىز قوزغىلىپ ئىككى سائەت ئىچىدە بېلەتنى ئالماشتۇرۇشقا ياكى قايتۇرۇشقا بولىدۇ؛ ئوق باشلىق پويىز بېلىتىنى پويىز قوزغالغاندىن كېيىن ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ ھەم 2 سائەتلىك چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ؛ قايتۇرۇلغان بېلەت ھەققىنىڭ پارچە سومما قىسمى 0.5 يۈەننى بىرلىك قىلغان ھالدا پۈتۈنلىنىدۇ. يېقىندا تۆمۈريول باش شىركىتى «پويىز بېلىتىنى ئالماشتۇرۇش، قايتۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، بېلەتنى ئالماشتۇرۇش ۋە قايتۇرۇش توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقاردى.

  يېقىندا تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ تور بېكىتىدە پويىز بېلىتىنى ئالماشتۇرۇش ۋە قايتۇرۇش ھەققىدىكى يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىندى. بەلگىلىمىدە يولۇچىلار پويىز قوزغىلىشتىن بۇرۇن بېلەتنى بىر قېتىم ئالماشتۇرسا بولىدۇ، بېلەت قايتۇرۇش رەسمىيىتىنىمۇ پويىز قوزغىلىشتىن بۇرۇن بېجىرىش لازىم،قايتۇرۇلغان بېلەت ھەققىنىڭ پارچە سومما قىسمى 0.5 يۈەننى بىرلىك قىلغان ھالدا پۈتۈنلىنىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى. بۇنىڭدىن بۇرۇن قايتۇرۇلغان بېلەت ھەققى بىر يۈەننى بىرلىك قىلغان ھالدا پۈتۈنلىنەتتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر