باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېچىلىدۇ

2013.10.30 17:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 29-ئۆكتەبىر يىغىن ئېچىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 18-نۆۋەتلىك 2-ئومۇمىي يىغىندىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلدى ھەمدە «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىسادچىل بولۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى»نى قاراپ چىقتى ۋە تارقىتىشقا قوشۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىنى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  [ھۆججەتنى قاراپ چىقىش]

  ھۆججەتنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدىغان نۇسخىسى ھەققىدە پارتىيە ئىچى-سىرتىدا پىكىر ئېلىندى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر نەچچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ ئارگىنالى ھەققىدە پارتىيە ئىچى-سىرتىدا مەلۇم دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە مۇشۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلغاندا بېرىلگەن پىكىرلەرگە ئاساسەن ئۆزگەرتكەندىن كېيىن 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: بۇ قېتىمقى پىكىر ئېلىشتا پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىندى، جايلار، تارماقلار، ئالاقىدار تەرەپلەر ۋە 18-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ھۆججەت ئارگىنالىغا نۇرغۇن ياخشى پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى، بۇ پىكىرلەرنى بىرمۇبىر تەتقىق قىلىپ، ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملىگەن ھالدا ھۆججەتنى ياخشى تۈزۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت قىلىپ چىقىش كېرەك.

  [ئىسلاھات تەپەككۇرى]

  ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە-مېخانىزم نۇقسانلىرىنى قەتئىي تۈگىتىش لازىم

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ‐‐ پارتىيە يېڭى دەۋر شارائىتىدا مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ ئېلىپ بېرىۋاتقان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب. پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغان 35 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز زور سىياسىي جاسارەت بىلەن ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ياراتتى.

  يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىيەتلىك، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يېڭى تارىخىي پەللىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى ۋە تۈزۈم ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش لازىم. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە-مېخانىزم نۇقسانلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭرى ئىستىقبالىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر