باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەھيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەشتە يېڭى ئۆزگىرىش يوق

2013.10.30 17:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاراتقۇلارنىڭ «ئەر-خوتۇننىڭ بىرى يالغۇز پەرزەنت بولغانلارنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويۇش سىياسىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە يولغا قويۇلۇشىدا ئۈمىد بار، بىر ياكى بىر نەچچە ئۆلكە-شەھەردە سىناق قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلمايدۇ» دېگەن خەۋىرىگە قارىتا، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، سەھيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاخبارات-تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەشكە قارىتا، سەھيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاخبارات-تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ماۋ چۈنئەن بىلەن سەھيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى دېڭ خەيخۇا كۆپ قېتىم جاۋاب قايتۇرۇپ، سەھيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرگەن. ھازىرچە، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەشكە قارىتايېڭى ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغىنى يوق.بۇ يىل 8-ئايدىكى سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سەھيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى دېڭ خەيخۇا مۇنداق بىلدۈرگەنىدى: نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مەركەزنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىيتەرەققىيات ۋە نوپۇسنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، تۇغۇت سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتنى پائال ۋە پۇختا ئېلىپ بارىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر