باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

10-ئايدا ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك 2 نەپەر ئالىي ئەمەلدار تەكشۈرۈلدى، خاڭجوۋ شەھىرىگە يېڭى پارتكوم شۇجىسى تەيىنلەندى

2013.11.01 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 10-ئايدا، كۆپلىگەن ئۆلكە رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزىپىسى تەڭشەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاۋ مىن ئۆلكىلىك پەن تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، شەنشى ئۆلىكىلىك ھەربىي رايوننىڭ باش قوماندانى گاۋ لۇڭفۇ شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

  ھۆكۈمەت تەرەپتىن، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ۋېينىڭ خېنەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بەردى، گەنسۇ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتىنىڭ باشلىقى ما شىجۇڭ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياردەمچى ئۆلكە باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، 10-ئايدا ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلداردىن ئىككىسى «خىزمىتىدىن بوشىتىلدى»: نەنجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى لى جيەنيې بىلەن گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، زۇنيى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لياۋ شاۋخۇا ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشكىلىي جەھەتتىن تەكشۈرۈلمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە، لى جيەنيې نەنجىڭ شەھەر باشلىقلىقىدىن قالدۇرۇلدى.

  رايون-شەھەرلەر ئىچىدە، تيەنجىن، جېجياڭدا 2 كىشى يېڭىدىن شەھەر (رايون)لىك پارتكوم شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى: گۇڭ جېڭ جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ جاڭ چۇەنفېن تيەنجىن شەھىرى خۇڭچياۋ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى، خۇڭچياۋ رايوننىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ جايلاردا ھۆكۈمەتنىڭ «بىرىنچى قول» باشلىقلىرى تەڭشەلدى: چا يۈنپېڭ تيەنجىن شەھىرى خۇڭچياۋ رايوننىڭ باشلىقلىقىغا، باۋ گاڭ ئىچكى موڭغۇل ۋۇخەي شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا، لى خەييۈەن سەنشى ئۆلكىسى شۇجوۋ شەھىرىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقلىقىغا، ياڭ ۋېيجۇن گەنسۇ ئۆلكىسى تيەنشۈي شەھىرىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. (مۇخبىر تاڭ جيايى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر