باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۈتۈنۈش پۇلى قوش لىنىيەلىك تۈزۈمىنى ھەل قىلىشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرساق بولمايدۇ

2013.11.01 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسلاھاتتا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە، «قوش لىنىيەلىك تۈزۈم»نى ئىجرا قىلىش ئەڭ قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى، شۇڭا بۇنىڭغا قارىتا، مەسىلىگە دادىللىق بىلەن يۈزلىنىدىغان ۋە ئەتراپلىق، ئىنچىكە بولغان ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشىمىز لازىم، ئەمدى ئۆزىمىزنى قاچۇرساق بولمايدۇ.يېقىندا، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇش ۋاقتىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۇزارتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن سۆزى بىر مەيدان مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى.بۇ گەپنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن ئېيتىلغانلىقى ئېنىق. بىرىنچىدىن، ئۇنىڭدا «ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن» دېيىلگەن، «چوقۇم» دېيىلمىگەن. ھازىرقى سىياسەت بويىچە، شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى 15 يىل تاپشۇرسىلا پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ھەر ئايدا كۈتۈنۈش پۇلى ئالالايدۇ. 15 يىللىق تۆۋەن چەك ھازىر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى يولغا قويۇۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە تۆۋەن سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ، نۇرغۇن دۆلەتلەردە 25 يىل تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پىرىنسىپىدا ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەت تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ، تۆۋەن چەك ئاساسىدا، ئاز تاپشۇرغانلار ئاز ئالىدۇ، كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئالىدۇ. ئەگەر بىر خىزمەتچى 25 يېشىدىن باشلاپ مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشكەن ۋە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى قانۇن بويىچە تاپشۇرغان بولسا، 15 يىلدىن كېيىن بۇ خىزمەتچى 40 ياشقا كىرىدۇ، يەنى كەسىپتە يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنى داۋاملىق تاپشۇرۇش ئىمكانىيىتى بار بولىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۇزارتىشىنى تەشەببۇس قىلىشتا، ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ مەنپەئەتى ئالدىن نەزەرگە ئېلىنغانغۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشچى-خىزمەتچى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتمىسا، ئىدارىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ سوممىلىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ مائاشىغا قوشۇپ بېرىلمەيدىغان تۇرسا.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر