باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ش ھ ت غا ئەزا ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىشنى» كۈچەيتىدۇ

2013.11.04 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 1-نويابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «28-ئۆكتەبىر» تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، تېررورىزم كۈچلىرى يەنىلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرلۈك ئاماللار بىلەن كاشىلا ۋە بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلماقتا. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش» سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا بىر مۇخبىر: 31-ئۆكتەبىر مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىغا 28-ئۆكتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسىنى ئۇقتۇردى. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تېررورلۇق كۈچلىرىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتامدۇ يوق دەپ سورىغاندا، خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 28-ئۆكتەبىر ۋەقەسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ساقچىلار بۇ بىر قېتىملىق پىلانلىق، تەشكىللىك، ئالدىن پىلانلانغان زورلۇق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دەپ بېكىتتى. نۆۋەتتە بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: تېررورىزم دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشتىن ئاخىر تېررورىزم، ئېكىستىرىزىم، بۆلگۈنچىلىكتىن ئىبارەت «ئۈچ خىل كۈچكە» زەربە بېرىشنى ئالدىن ھەمكارلىق يۆنىلىشى قىلىپ كەلدى. ئەزا دۆلەتلەر قانۇن ئاساسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ۋە خەلقئارا ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر