باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا باغچا رايونىدىن يەنە ئۈچى كۆپەيدى

2013.11.01 16:50         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، نۆۋەتتە ، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالتە مىنىستىرلىق ، كومىتېت بىرلىشىپ 5-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا باغچا رايونىنى بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، بېيجىڭ تۇڭجوۋ قاتارلىق 46 دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا باغچا رايونىنى 5-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا باغچا رايونى قىلىپ تەستىقلىغان . ئاپتونوم رايونىمىز ئىلتىماس قىلغان خوتەن ، ئۈرۈمچى ۋە قومۇل ئۈچ جايدىكى دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا باغچا رايونى دۆلەت دەرىجىلىك دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا باغچا رايونى بولۇپ تەستىقلانغان .

  ھازىرغىچە ، ئىلگىرىكى سانجى دۆلەت دەرىجىلىك دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا باغچا رايونى ، ئىلى دۆلەت دەرىجىلىك دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا باغچا رايونى ، شۇنداقلا شىخەنزە دۆلەت دەرىجىلىك دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا باغچا رايونى ، ئالار دۆلەت دەرىجىلىك دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا باغچا رايونى ، ۋۇجياچۈ دۆلەت دەرىجىلىك دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا باغچا رايونى قاتارلىقلارنى قوشقاندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت دەرىجىلىك دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا باغچا رايونى سەككىزگە يەتكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر