- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكىنىڭ دۇنيانى نازارەت قىلىش خەرىتىسى ئاشكارىلاندى
جۇڭگودىكى 5 چوڭ شەھەر خەرىتىگە كىرگۈزۈلدى
2013.11.01 15:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جىسى ئالېكساندېر 29-ئۆكتەبىر پارلامېنتتا ئىسپات بېرىپ، ياۋروپادىكى تاراتقۇلارنىڭ يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ئاخبارات ئاپپاراتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ تېلېفون خاتىرىسىنى نازارەت قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلىرى «پۈتۈنلەي خاتا»، دېدى. گېرمانىيە «ئەينەك» ھەپتىلىك ژورنىلى 28-ئۆكتەبىر ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئامېرىكىنىڭ 2010-يىلىدىكى «دۇنيانى نازارەت قىلىش» خەرىتىسىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خەرىتە چوڭ-كىچىك بولۇپ 90 دۆلەتتىكى نازارەت پونكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. جۇڭگو شەرقىي ئاسىيادىكى 1-كۆزىتىش ئوبيېكتى بولۇپ، شياڭگاڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ، تەيبېي قاتارلىق شەھەرلەر خەرىتىگە كىرگۈزۈلگەن.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر