باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2013.11.01 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى قانۇن-تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرىدىغان بىخەتەرلىك تورى شەكىللەندۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندىشىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 30-چېسلا گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى قانۇن-تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرىدىغان بىخەتەرلىك تورى شەكىللەندۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ۋە ئوزۇق-تۈلۈك، كىيىم-كېچىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۇللۇق ۋە ئاساس خاراكتېرلىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ماس كېلىدىغان، باشقا ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈملىرى بىلەن باغلىنىدىغان، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىپ سىجىل داۋاملىشىدىغان ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان بىخەتەرلىك تورىنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە ئۇنىڭ بۆسۈلۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەۋجۇدلۇق ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ئابرۇيىنى ساقلاپ، ھاياتىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ، ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە پىسخىكىسىنىڭ تۆۋەن چېكىگە زەرەر يېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، خەلق ئاممىسىمۇ غەم-ئەندىشىدىن خالاس بولۇپ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالايدۇ، بۇ بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنى ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات مېۋىسىدىن تەڭ بەھرىمان قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۆلىتىمىز ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن پايدىلىق ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، يەنە كاپالەت مۇكەممەل بولماسلىق، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يېتەرسىز، تۈزۈم «پارچە-پۇرات» بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا. شۇڭا ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىپ، ئالاقىدار تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىن مەسىلىلەرنى نىشانلىق ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىن ئېتىشىمىز لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر