باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇتەخەسسىلەر جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز دېدى

2013.11.04 15:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلقئارا پۇل مۇئامىلە چەكلىك شىركىتىنىڭ سابىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى رالوس 2-نويابىر نىيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن «پۇل مۇئامىلىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى، دەسمايىنى گۈللەندۈرۈش يولى» مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھەر قانداق ئىسلاھاتقا بولغان ئەڭ چوڭ خىرىس ئىجرائىيە ئىقتىدارى.

  رالوس مۇنداق دېدى: پات ئارىدا ئېچىلىدىغان 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىغا دۇنيا دىققەت قىلماقتا، دۇنيا بىر يۈرۈش ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈتمەكتە شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئېكسپورت ۋە مەبلەغ سېلىشتىكى تۈرتكىلىك ئاشۇرۇش ئەندىزىسىنى ئىستېمالنىڭ تۈرتكىلىك ئەندىزىسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

  رالوس مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور ئىلگىرىلىدى، مەن بۇ يىغىندا بىر يۈرۈش سىناق تۈرلىرىنى چىقىرىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەجرىبە توپلاشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر