باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش شەكلى بويىچە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىخەتەرلىك تورىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى

2013.10.31 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، 10-ئاينىڭ 30-كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىنى ئېچىلىپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش شەكلى بويىچە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىخەتەرلىك تورىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ۋە كىيىم-كېچىكى، ئوزۇق-تۈلۈكى، ھال-ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دەسلەپكى، ئاساسلىق تۈزۈمنى ئورۇنلاشتۇرۇش. ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيىسى بىلەن ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ، باشقا ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسلىق، ئىمكانىيەتلىك ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىگە كاپالەتلىك قىلىنسا، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئەھۋالى بىخەتەرلىك تورى بەرپا قىلىنسا، تورنىڭ بۇزۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ياشاش ھوقۇقى ۋە ئىنسانىي ئىززىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، ياشاش جەھەتتە قىيىن ئەھۋالدىن ساقلانغىلى، ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە كۆڭۈل تۆۋەن چېكىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ ئارقىدىن ئەندىشە قىلىشىنى تۈگىتىپ، خاتىرجەم ئىگىلىك تىكلىگىلى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتۈن خەلقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۆلىتىمىز ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن پايدىلىق ئىزدىنىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ئەمما كاپالەت مۇكەممەل بولماسلىق، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك بولماسلىق، تۈزۈم «چېچىلاڭغۇ» بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت. ئىسلاھات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار تۈزۈلمە مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش شەرت. (مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر