باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇن-تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيلى

2013.10.31 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن چىقىرىش خىزمەت يىغىنى ئاچتى، جاڭ دېجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى يىغىنى 30-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن خەلق چوڭ سارىيىدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىندا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرقاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇن-تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

  جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىشلىرىمىزنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. يېڭى ۋەزىيەتتە قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چىڭ ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنى يېتەكچى قىلىشتا، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا، ئادەمنى ئاساس قىلىش، قانۇننى خەلق ئۈچۈن چىقىرىشتا، مۇكەممەل قانۇن ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى تىرىشىپ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. (ماۋ لېي، جاڭ ياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر