باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ كارخانىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش ئىشلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2013.10.31 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ،«پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ كارخانىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش (ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش) ئىشلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹پىكىر› دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرلار قانۇنى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە پاك بولۇشى توغرىسىدىكى بىر قانچە مىزانى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئىلگىرىكى سىياسەت-بەلگىلىمىلەر ئاساسىدا، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ كارخانىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش (ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش) ئىشلىرى توغرىسىدىكى باشقۇرۇش تۈزۈمى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپى نامايان قىلىندى.

  «پىكىر»دە مۇنداق بەلگىلەندى: ۋەزىپىدىكى ۋە ۋەزىپىسىدە بولمىسىمۇ پېنسىيەگە (دەم ئېلىشقا) چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرمىگەن پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى كارخانىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىسە (ۋەزىپىگە تەيىنلەنسە) بولمايدۇ. ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن ياكى پېنسىيەگە (دەم ئېلىشقا) چىققان پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭكارخانىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىشى(ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى) نىچوقۇم قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك. ھەقىقەتەن خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبىدىن كارخانىدا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان(ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغان)لارنى كادىرلارنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇق چېكىگە ئاساسەن قاتتىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاشلازىم.ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگىنىگە ياكى پېنسىيەگە (دەم ئېلىشقا) چىققىنىغا ئۈچ يىل توشمىغانلار ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن چاغدىكى باشقۇرۇش رايونىۋە كەسىپ دائىرىسى ئىچىدىكى كارخانىلاردا ۋەزىپە ئۆتىسە (ۋەزىپىگە تەيىنلەنسە) بولمايدۇ، ۋەزىپە ئۆتىگەندە باشقۇرغان كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ بولمايدۇ. (شېڭ روۋېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر