باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چىۋەر قول لوپنۇر ئاياللىرى قول ھۈنىرىنى پۇل قىلماقتا

2013.10.29 16:59   مەنبە: خەلق تورى

چىۋەر قول لوپنۇر ئاياللىرى قول ھۈنىرىنى پۇل قىلماقتا

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گې‍زىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى: 27 – ئۆكتەبىر چۈشتە پاختىلىرىنى ئۈزۈپ تۈگىتىپ، تېخى باياملا پاختىزارلىقتىن قايتىپ كەلگەن بىرتوپ ئاياللار لوپنۇر ناھىيەسى ئاقسۇپا يېزىسى جىغدىباغ كەنتىدىكى ئايشەمگۈل ئېلىنىڭ ئۆيىدە كۈلكە – چاقچاق ئىچىدە بەزىلىرى ياستۇق قېپى، يوتقان قېپى تىكىۋاتاتتى، بەزىلىرى مارجان تىزىۋاتاتتى.

  ـــ بىر ھەپتىدىن بۇيان كېلىۋاتقان بۇيرۇتمىلار كۆپىيىپ كەتتى، پاختا سېتىلغاندىن كېيىن بۇ يۇرتتا توي قىزىيدۇ، شۇڭا بۇيرۇتمىلارنى ۋاقتىدا تۈگەتمىسەك بولمايدۇ، بۈگۈن پاختىسىنى ئۈزۈپ بولغانلار جەم بولۇپ، بۇيرۇتمىلارنى تىكىشنى باشلىۋالدۇق،- دېدى بۇ بىرتوپ ئاياللارنىڭ كەشتە ئۇستىسى ئىقلىمخان ھەسەن ماڭا.

  ئىقلىمخان ھەسەن كىچىكىدە ئۇستا تۇتۇپ كەشتىچىلىكنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەردىن بۇ ھۈنىرىنى تاشلاپ قويغانىدى. ناھىيە 2010 – يىلىدىن باشلاپ ئاياللارنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشنى زور كۈچ بىلەن قوللىغاندىن كېيىن ئۇ يالغۇزلا ئۆزى بۇ ئىش بىلەن كىرىشىپ قالماي، يەنە ئەتراپىغا نۇرغۇن ئاياللارنى يىغىپ، كەشتىچىلىك، مارجان تىزىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ئۇلارغا ئۇستاز بولۇپ ئۆگىتىشكە باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىغا ھۈنەر ئۆگىنىشكە كەلگەنلەر سانى تېزدىنلا نەچچە ئونغا يەتتى. ئايشەمگۈل ئېلىمۇ شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىقلىمخان ھەدىنى ئۇستا تۇتۇپ ئۆگەنگەندىن كېيىن، تېزلا ئۆز ئالدىغا بۇيرۇتمىلارنى تىكەلەيدىغان بولدى.

  ــ ھازىر كەشتىچىلىك ۋە مۇنچاق تىزىشتىنلا ئايلىق كىرىمىم بەزىدە 6 مىڭ يۈەنگە يېتىپ قالىدۇ، كۈندۈزى 40 مو يېرىمىزنى تېرىپ، ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىنى قىلساق، كەچتە بىكار بولغاندىلا بۇ ھۈنەرنى قىلىمەن،- دېدى ئايشەمگۈل ئېلى.

  ئايشەمگۈل ئېلى 2010 – يىلىدىن باشلاپ ھۈنەر ئۆگەنگەندىن بۇيان ناھىيە، ئوبلاست بويىچە كۆپ قېتىملىق كەشتىچىلىك، مارجان تىزىش ماھارەت مۇسابىقىلىرىغا قاتنىشىپ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، ئۇ بۇ يىل مارجاندا تىزىپ چىققان ئۇزۇنلۇقى 1.98 مېتر، كەڭلىگى 1.28 مېترلىق كوممۇنىستىك پارتىيە بايرىقى ئوبلاست بويىچە ئاياللارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

  ــ يېزىمىزدىكى ئاياللارنىڭ بۇ ئىشقا بولغان قىزىقىشى بەك يۇقىرى،- دېدى ئاقسۇپا يېزىلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى زۆھرە ئىمىن ماڭا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ،- يېزىمىزدا 1260 ئايال بار، بۇنىڭ ئىچىدە 18 ياشتىن يۇقىرى ئەمگەك كۈچىدىن 660 ئايال بار، بۇنىڭ %80 ى ئۆيىدە كەشتىچىلىك، مارجان تىزىش، كىيىم تىككۈچىلىكى قاتارلىق ھەرخىل قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ، 2009 – يىلى بىز يېزىمىزدىكى ئاياللارنى يىغىپ قول ھۈنەرۋەنچىلىك جەمئىيىتى قۇرغاندۇق، يېڭى قۇرۇلغاندا قاتناشقان ئاياللار 25 ئىدى، كېيىنچە تەرەققىي قىلىپ 250 گە يەتتى، بۇ يىل ناھىيەلىك سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئىلتىماس قىلىپ، «چىۋەر قول» قول ھۈنەرۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ئىلتىماس قىلدۇق، تەستىقلانغاندىن كېيىن ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ قوللىشىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ «ئاياللار گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» تۈرىدىن 100 مىڭ يۈەنلىك تۈر مەبلىغىگە ئېرىشتۇق. ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشقان 30 ئايال 30 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئەمىن قۇرۇلۇشى ئۆيىدىن بىرنى سالغۇزدى، بۇ ئۆي نويابىردا پۈتۈپ، خىزمەت ئورنى ئورنىدا بىزگە تاپشۇرۇلىدۇ، بىز ئۇ يەرگە تۈر مەبلىغىدىن گىلەم توقۇش، گۈل ئىشلەش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەيمىز. ھازىرغىچە بۇ ھۈنەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاياللارنىڭ يىللىق كىرىمى 600 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، ئاياللار قول ھۈنىرىنى پۇل قىلماقتا.

  ئىگىلىشىمچە، لوپنۇر ناھىيەسىدە ھازىر 2 مىڭدىن ئارتۇق ئايال قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، مەخسۇس بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغىنى 515 ئادەم ئىكەن، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى لوپنۇر، كورلا، ئۈرۈمچى رايونلىرىدىن ھالقىپ يەنە قىرغىزىستان بازارلىرىغىمۇ كىرىشكە باشلىغان. ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، تىككۈچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ناھىيە بويىچە 1 مىليون 130 مىڭ يۈەنلىك ئاز سوممىلىق قەرىز پۇلى بېرىلگەن، بۇ 1142 ئايالنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئاساس بولغان.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«ۋېن جياباۋ: مائارىپ توغرىسىدا» ناملىق كىتاب نەشر قىلىپ تارقىتىلدى
      ·«ئون مىڭ كىشىلىك پىلان»غا كىرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىختىساسلىقلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تولۇق ئاياغلاشتى
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، ئەڭ ئالقىشقا سازاۋەر خىزمەت ئورنىغ…
      ·ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق تۆت تارماق 24 –ئۆكتەبىر قورامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي دەخلى-تەرۇز…
      ·جۇڭگو-ئامېرىكا ساقچىلىرى كۆپ دۆلەت بىلەن بىرلىكتە بالىلار سېرىق تور بېكەتلىرىنى بىتچىت قىلدى
      ·بېيجىڭدا تولۇق ئوتتورا  مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلدى
      ·مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟(1)
      ·2014-يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانى تورىنىڭ تورداشلىرى ئىتتىك ياكى كاسات ئورۇنلار ۋە ۋەزىپىلەرگە …
      ·جۇڭگونىڭ تېخنىكا مۇكاپاتى تۈرىدە ئالىي مەكتەپنىڭ ئىگەللەش نىسبىتى يۇقىرى بولدى