باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىكى: شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنىڭ تۈر تىجارەت بېجى كەچۈرۈم قىلىندى

2013.10.30 17:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىكى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىكى تۆنۈگۈن، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنىڭ تۈر تىجارەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، شىنجاڭ فۇچاڭ بازار تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار خوجىلىق باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار تۈرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تىجارەت بېجىنىڭ باجلىق كەسىپىدىن تىجارەت بېجى ئېلىش كەچۈرۈم قىلىندى.

  مالىيە مىنىستىرلىكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرىدىكى 3 كارخانا 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان كۈنگىچە تاپشۇرغان باجدىن كەچۈرۈم قىلىشقا تىگىشلىك تىجارەت بېجىدە، بەلگىلىمە بويىچە باج ئىشلىرى ئورگىنىغا باجنى قايتۇرۇش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر