باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كېنىيەدە قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە قىسمى بار؟

2013.10.29 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېنىيەنىڭ پايتەختى نايرۇبىدا يېقىندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق بۇلاش دېلوسىدا، بىر تەپسىلاتنى يەنى ئەنگلىيە خانلىق ئالاھىدە ھاۋا مۇلازىمىتى ئۆمىكىنىڭ بىر ئەزاسى ئۆزى يالغۇز يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققانلىقى ھەققىدىكى بۇ خەۋەرنى ئەنگلىيەنىڭ نۇرغۇن تاراتقۇلىرى تىلغا ئالدى، بۇ خەۋەر سىرتتىكىلەرنىڭ شەرقىي ئافرىقىدىكى بۇ دۆلەتتە غەربتىكى قايسى دۆلەتنىڭ ھەربىي كۈچى مەۋجۇتلۇقىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كېنىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى نانيۇكى نايرۇبىغا ماشىنا بىلەن ئىككى سائەتچە يول بولۇپ، ئۇ يەردە ئەنگلىيەنىڭ بىر ھەربىي مەشىق بازىسى بار ئىكەن، ئەمما بۇ يەردە قانچىلىق ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قانچىلىق ئەسكىرىنىڭ مەشىق قىلىۋاتقانلىقى نامەلۇم. بىراق، «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى دائىم دېگۈدەك ھەپتە ئاخىرى ياكى بايرام دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆزى تۇرىۋاتقان جاينىڭ ئەتراپىدىكى تاللا بازىرى، سودا مەركىزىدە تۈركۈم تۈركۈم ئەنگلىيەلىك ئەسكەرلەرنى ئۇچرىتىپ تۇراتتى. كېنىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تەشۋىقاتىدا كېنىيە ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن باشقا غەرب ئەللىرى قىسمىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت قوللانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرگىلى بولمايدۇ، چۈنكى كېنىيەنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى ئامما ئارىسىدا غەربلىكلەرنى چەتكە قاقىدىغان بىر خىل ھېسسىيات بار. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە، «ماۋ ماۋ » ئازادلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇستەقىل بولغان كېنىيە بىر مەھەل ئەسلىدىكى ئۆزى مۇستەملىكە بولغان دۆلەت ئەنگلىيەنىڭ قىسىم تۇرغۇزۇشى ۋە مەشىق قىلدۇرۇپ قوللىشىغا تايىنىپ كەلدى، لېكىن 1963-يىلى يۈز بەرگەن شىمالدىكى سومالىدىكى قاراقچىلارغا قارشى ئۇرۇش ۋە 1964-يىلى 24-يانۋار يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېنىيە رەھبەرلىرى قىسىمنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى، بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قىسىمنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە قىسىمنى ئافرىقىلاشتۇردى. 1964-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق ئەنگىلىيە ئارمىيىسى كېنىيەدىن چېكىندى، كېنىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەنگلىيەلىك مەسلىھەتچىلەرمۇ ئازلاپ كەتتى، لېكىن ئەنگلىيە يەنىلا ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ كېنىيە چېگرىسىدىن ئۆتۈش ئەركىنلىكىنى ساقلاپ قالدى، خانلىق دېڭىز ئارمىيىسى شەرقىي ھىندىستان فلوتى مومباسا پورتىدا رېمونت قىلىندى ھەمدە داۋاملىق يەرلىكنىڭ ئالاقە ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەتتى، بۈگۈنگىچە ئەنگلىيە ئارمىيىسى ھەر يىلى كېنىيە چېگرىسىدا ئىككى قېتىم ئەمەلىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ كەلدى. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن، بولۇپمۇ 1998-يىلى بازا تەشكىلاتى ئامېرىكىنىڭ كېنىيە ۋە تانزانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىلىرىنى پارتلىتىش دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نايروبى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ياردىمى ۋە ھەربىي خادىملىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.

  «ئەل ئافرىقا» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيەدىن كېيىن، ئامېرىكا 21-ئەسرنىڭ دەسلىپىدىن باشلاپ كېنىيە قاتارلىق شەرقىي ئافرىقا ئەللىرىگە ھەربىي جەھەتتىن سىڭىپ كېرىشنى كۈچەيتتى، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ھەرىكىتى قوماندانلىق شتابى ھەر يىلى يۈزدىن ئارتۇق ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش مەشىقاۋۇلىنى كېنىيەگە خىزمەتكە ئەۋەتتى، ئۇلار قۇلاي ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئۇرۇش رايونىدا تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىش ئۈسكۈنىلىرىگە ئىگە بولغاچقا، ئافرىقىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىگە بولغان ئېھتىياجنى قاندۇردى. بۇ خىل يېڭىچە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تۆۋەندىكىلەر ئىقتىدارى بار: ھەرىكەت مەيدانىدىن بەلگە، پارتلاتقۇچنىڭ قالدۇقى ۋە DNA ئىسپاتىنى ئالالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەربىي يانفون ۋە كومپيۇتېردىن كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى توپلاپ سېلىشتۇرۇپ، نىشانغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاختۇرۇپ تاپالايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ساقچىلارنىڭ جىنايەت يۈز بەرگەن نەق مەيداننى تەكشۈرۈش قورالىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ خىل ئۈسكۈنىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافرىقىدا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشى قوزغىشىغا غايەت زور ياردىمى بار. شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، جىبوتىنىڭ رايموندنېئىل لاگېر قىلغان ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ «ئافرىقا تۇمشۇقى بىرلەشمە ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن قىسمى» كېنىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا مەشىق بازىسى تەسىس قىلىپ، كېنىيە ئارمىيىسىنىڭ 20 –پاراشۇتچى ئەسكەرلەر باتالىيونىنى بۇ دۆلەتتىكى بىردىن بىر تېررورلۇققا قارشى ئاتلىق ئەسكەرلەر قىسمى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى، ئامېرىكا بۇنىڭغا 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالدى، بۇ قىسىم 2006-يىلىدىن باشلاپ ھەرىكەت قىلىپ، بۇ دۆلەتنىڭ شەرقى شىمالىدىكى رادىكال قوراللىق ئۇنسۇرلارنى تازىلىدى يەنە جەنۇبىي سۇدان ۋە سومالىغا بېرىپ تىنچلىقنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى.

  تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ كېنىيە بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋىتىنى پائال راۋاجلاندۇردى. بۇ قېتىمقى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن سودا سارايدا ئىسرائىلىيەنىڭ نۇرغۇن ئاشخانىسى بار، سودا سارايغا ئىسرائىلىيەمۇ مەبلەغ سالغان بولغاچقا، شۇڭا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىسرائىلىيە ئالاھىدە قىسمى تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشتى دەپ خەۋەر بېرىلدى، ئەمما ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ خەۋەرنى جەزملەشتۈرمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر