باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتېتى 5 يىللىق قانۇن چىقىرىش پىلانىنى ئېلان قىلدى

2013.10.31 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پىلاندا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا دائىر 11 تۈر بار

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش پىلانى 30-چېسلا ئېلان قىلىندى. ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان 68 قانۇن چىقىرىش تۈرى ئىچىدە، يەر باشقۇرۇش قانۇنى، مۇھىت ئاسراش قانۇنى، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى، يادرو بىخەتەرلىكى قانۇنى چىقىرىش قاتارلىق 11 تۈر ئېكولوگىيەمەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدۇ. قانۇن چىقىرىش پىلانىدا قانۇن چىقىرىش3 تۈرگە بۆلۈندى. بىرىنچى، شارائىتى بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن، بۇ نۆۋەتلىك ۋەزىپە مۇددىتى ئىچىدە قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدىغان قانۇن چىقىرىش تۈرى 47 بولۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى، قىزىل كرېست جەمئىيىتى قانۇنى قاتارلىق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىغان 33 قانۇن ۋە يېڭىدىن تۈزۈلىدىغان 14 قانۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە، تاۋار ماركىسى قانۇنى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى، ساياھەت قانۇنى ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنە بىخەتەرلىكى قانۇنى قاتارلىق تۆت قانۇن ماقۇللاندى، يەر باشقۇرۇش قانۇنى، مۇھىت ئاسراش قانۇنى، خامچوت قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارغاتۈزىتىش كىرگۈزۈش، مۈلۈك باھالاش قانۇنىنى تۈزۈش قاتارلىق 4 تۈر قاراپ چىقىشقا سۇنۇلدى. ئىككىنچى، خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدىغان قانۇن چىقىرىش تۈرلىرى بولۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى، سودا بانكىسى قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق 21 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچىنچى،مەلۇم دەرىجىدە قانۇن چىقىرىش زۆرۈرىيىتى ۋە مۇمكىنچىلىكىبولغان، لېكىن چېتىشلىق مەسىلىلەر بىر قەدەر مۇرەككەپ،قانۇن چىقىرىش شارائىتى پىشىپ يېتىلمىگەن، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ داۋاملىق تەتقىق قىلىپ دەلىلىشى زۆرۈر بولغان قانۇن چىقىرىش تۈرلىرى بولۇپ، مالىيە، باج-ھەق، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (خو چىڭشىن، ۋاڭ سىبېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر