- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


%80 يايلاقتا ئېكولوگىيەنى قوغداش بويىچە تولۇقلىما-مۇكاپات بېرىش مېخانىزمى يولغا قويۇلدى
2013.10.30 17:18 مەنبە: خەلق تورى
چارۋا بېقىش چەكلەنگەچكە %20 كە يېقىن يايلاق ئەسلىگە كەلدى.خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: نۆۋەتتە مەملىكىتىمىزدىكى 639 ناھىيەدىكى 4 مىليارد 800 مىليون مو يايلاقتا يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بويىچە تولۇقلىما-مۇكاپات بېرىش مېخانىزمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يايلاق ئومومىي كۆلىمىنىڭ 80 نەچچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت 120 مىليون مو سۈنئىي ئوتلاققا ئوت-چۆپ ئەلا سورت تولۇقلىمىسى بەردى، 2 مىليون 840 مىڭ ئائىلىلىك چارۋىچىغا ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تولۇقلىمىسى تارقاتتى.
2011-يىلى تولۇقلىما-مۇكاپات بېرىش مېخانىزمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەركەز مالىيەسى يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بويىچە تولۇقلىما-مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلەغ 44 مىلياردا 500 مىليون يۈەنگە يەتتى، ھازىر سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى: يايلاقنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى تېز ئەسلىگە كەلدى. 2012-يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى %20 كە يېقىن يايلاقتا چارۋا بېقىش چەكلەنگەچكە ئېكولوگىيەسى ئەسلىگە كەلدى؛ %46 يايلاقتا پەسىل بويىچە ئارام ئالدۇرۇش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ چارۋا بېقىش ۋە چارۋا سانىنى ئازايتىش قاتارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلغاچقا، ئوت-چۆپ بىلەن چارۋىنىڭ تەڭپۇڭلىقى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشتى؛ يېڭى ئوت-چۆپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليارد 50 مىليون توننىغا يېتىپ، 2010-يىلدىكىدىن %7.6 ئېشىپ، 10 يىلدىن بۇيانقى يېڭى ئوت-چۆپ ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىلغان بىر يىل بولۇپ قالدى. (لى لىخۈي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر