باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3-ئومۇمىي يىغىننىڭ پىروگرامما خاراكتېرلىك
ھۆججىتى قانداق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟

2013.10.30 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرى تۆت قېتىملىق 3-ئومۇمىي يىغىن ئەھۋالىنى رەتلەپ چىققاندا مۇنۇنى بايقىغان، ھۆججەت لايىھەسىنى تەييارلاش ۋاقتى ئادەتتە يېرىم يىل بولغان، ئارىلىقتا لايىھە نەچچە قېتىم تۈزىتىلگەن، پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3-ئومۇمىي يىغىنىنى مىسالغا ئالغاندا، 6 ئايدا، 9 قېتىم ئومۇمىي يىغىن، 30 قېتىم خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنى چاقىرىلىپ، لايىھەگە 41 قېتىم رەسمىي تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.

  ھۆججەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش جەريانى ئادەتتە مۇنداق بولىدىكەن، شۇ يىلىنىڭ ئالدىنقى يىرىم يىلىدا لايىھە تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، لايىھە تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان بىرىنچى يىغىندا، شۇ ۋاقىتتا ۋەزىپىدىكى دۆلەت رەئىسى يىغىنغا قاتنىشىدۇ ھەمدە ئومۇمىي پىكىر يولى، ئاساسىي رامكىسى قاتارلىق جەھەتلەردە يوليورۇق بېرىدۇ. 3 ئاي ئۆتۈپ، ئۈچ قېتىم ئۆزگەرتكەندىن كېيىن «قارار»نىڭ دەسلەپكى لايىھەسى شەكىللىنىپ، ئۇ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ. بىرىنچى نۆۋەت قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، «قارار»نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى مەركەزدىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ھەم پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چۈشۈرۈلۈپ كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىنىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى چاقىرىپ پىكىر ئاڭلايدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قايتىدىن سۇنۇلۇپ، 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىلىدىغان «قارار»نىڭ مۇزاكىرە لايىھەسى شەكىللىنىدىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر